نېپالدا ماۋچىلار يەنە ھۇجۇم باشلىدى

ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ماۋچىلارنىڭ بىر قوراللىق گۇرۇپپىسى شەنبە كۈنى نېپالنىڭ جەنۇبىدىكى بىر بازاردىكى ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلىپ، ئىككى ساقچىنى ئۆلتۈرۈپ، ئۈچ ئادەمنى يارىلاندۇرغان.

ماۋچىلار يېقىندىن بۇيان ھۆكۈمەتكە قارشى ھەرىكەتلىرىنى كۈچەيتكەن بولۇپ، ماۋچىلار بىلەن نەپال پادىشاسى تەرىپىدىن چەكلەنگەن ئۆكتىچى سىياسىي پارتىيە بىرلىشىپ، نېپال پادىشاسىنىڭ ئۆتكەن يىلى ھۆكۈمەتنى تارقىتىپ، ھەممە ھوقۇقنى ئۆزى كونترول قىلغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن بولۇپ، شۇ مەقسەت بىلەن كېلەر ھەپتىدىن ئېتىبارەن تۆت كۈنلۈك ئىش تاشلاش ئېلىپ بارماقچى بولغان ئىدى.

نېپالدىكى ماۋچىلار ئۆزلىرىنى خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ رەھبىرى ماۋزېدۇڭ ئىدىيىسىگە ئىشەنگۈچىلەر دەپ قارايدىغانلار بولۇپ، ئۇلار قوراللىق كۈرەش بىلەن پادىشاھلىق تۈزۈمنى ئاغدۇرۇپ كومۇنىستلارنى ھاكىمىيەتكە چىقىرىشنى ئارزۇ قىلىدىكەن. بۇ گۇرۇپپا 12 يىل قوراللىق كۈرەش قىلغان بولۇپ، 13 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان.

بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەر نېپالدىكى ماۋچىلارنىڭ بىر قىسىم كوممۇنست دۆلەتلىرىنىڭ ماددى ۋە مەنىۋى ياردەملىرىگە ئېرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.(ئۈمىدۋار)