خىتاي پاكىستاندىن ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشىنى رەسمى تەلەپ قىلدى
پاكىستاندا چىقىدىغان " دېھلى تايمىز" گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى، پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنسىتىرى ئافتاپ ئەخمەتخان شېرپاۋ نىڭ خىتاي زىيارىتى جەريانىدا پاكىستاندىكى 20 ئۇيغۇر پائالىيەتچىنى تۇتۇپ خىتايغا تاپشۇرۇش مەسىلىسىنى رەسمى ئوتتۇرىغا قويىدىكەن. پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنسىتىرى شېرپاۋ، بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان خىتاي- پاكىستان تېررورچىلىققا قارشى بىرلەشمە خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ يېغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن 25 ئىيۇن كۈنى خىتايغا بارماقچى.
خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا پاكسىتان ھۆكۈمىتىدىن پاكسىتاننىڭ قەبىلىلەر رايونىدا يوشۇرۇنغان 20 ئەتراپىدا ئۇيغۇر پائالىيەتچىنى خىتايغا تاپشۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.
دېھلى تايىمىز گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ مەسىلە پاكسىتان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ خىتاي زىيارىتى جەريانىدا خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن ئېلىپ بارىدىغان سۆھبىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم تېمىسىنى تەشكىللەيدىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى، پاكىستان دائىرىلىرىدىن بولۇپمۇ، پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنسىتىرى خىتايغا قاراتقان زىيارىتىنى باشلاشتىن بۇرۇن پاكىستاندىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر ھەققىدە تەپسىلى مەلۇمات ئىگىلەپ خىتايغا تاپشۇرۇشىنى تەلەپ قىلغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستان ئىسلامىي ھەرىكىتىگە مەنسۇپ ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ ھېلىمۇ پاكىستاننىڭ قەبىلىلەر رايونىدا پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.(ئۆمەر قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خۇ جىنتاۋ شۋېتسىيە زىيارىتىدە ئۆلۈم جازاسى مەسىلىسىدە بېسىمغا دۇچ كېلىشى مۈمكىن
- كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتايدىن ئۆلۈم جازاسىنى ئازايتىشنى تەلەپ قىلدى
- پاكىستاندا ئۆزبېك مىلىتانتلار بىلەن يەرلىك قەبىلىلەر ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلار بارغانسېرى جىددىيلەشمەكتە
- خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاينىڭ ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلىشىنى تەلەپ قىلدى
- پاكىستان ھۆكۈمىتى مىلتانتلار بىلەن كېلىشىم ئىمزالىدى
- كاراچىدىكى پارتلاشتا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 57 گە يەتتى
- پاكىستاندا يۈز بەرگەن پارتلاش ۋەقەسى، بۇشنىڭ بۇ دۆلەتتە ئېلىپ بارماقچى بولغان زىيارىتىگە تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ
- پاكىستان خىتايدىن يادرو رېئاكتور قازىنى سېتىۋېلىش ئۈستىدە سۆھبەت ئېلىپ بارماقتا
- كەشمىردىكى يەر تەۋرەشتىكى ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىشلىرى يىتەرسىز بولماقتا
- كوندولىزا رايس پاكىستاننى زىيارەت قىلدى