ئامېرىكا ئارمىيىسى، ئافغانىستاندىكى مەھبۇسلارنى قويىۋەتتى


2005.05.01
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ئامېرىكا ۋە ئافغانىستان ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا ئارمىيىسى ئىككى يىلدىن بېرى تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان 86 نەپەر ئافغان مەھبۇسىنى قويۇپ بەرگەن.

ئافغانىستان ئالىي سوت مەھكىمىسى باياناتچىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېقىندا ئامېرىكا ئارمىيىسى، ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ھەربىي بازىسىدىكى 70 نەپەر مەھبۇس بىلەن ئافغانىستاننىڭ قەندىھار ۋىلايىتىدە تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ھەربىي بازىسىدىكى 17 نەپەر مەھبۇسنى قويۇپ بەرگەن.

بۇلاردىن سىرت، ئامېرىكىنىڭ گۋانتانامو بازىسىدىكى 17 نەپەر مەھبۇسمۇ، ئۆتكەن ئاي ئەركىنلىككە چىققان.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا تەرەپ يېقىندىن بۇيان مەھبۇسلارنى ئەركىنلىككە چىقىرىش خىزمىتىنى جىددى ئېلىپ بارغان. ئۇلار بۇنداق قىلىش ئارقىلىق تالىبانلارنىڭ زوراۋانلىق پائالىيەتلىرىنى ئاخىرلاشتۇرىشىنى تەۋسىيە قىلماقچى ئىكەن.

مەزكۇر مەھبۇسلارنىڭ كۆپىنچىسى تالىبان رەھبەرلىكىدە زوراۋانلىق ھەرىكەتلەرگە قاتناشقۇچى دۈشمەن ئەسكەرلىرى دەپ ئەيىبلەنگەن بولسىمۇ، بىراق بۇ خىل ئەيىبلەش خەلقئارا سوت تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنمىغان. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.