مەككىدە يۈز بەرگەن ۋەقەدە 53 كىشى ئۆلدى

سەئۇدى ئەرەبىستان ئىچكى ئىشلار مىنستىرى گېنېرال مەنسۇر ئەلتۈركى 6 ‏- يانۋار كۈنى بەرگەن باياناتىدا، مەككىدە يۈز بەرگەن بىنا ئۆرۈلۈش ھادىسىسىدە قازا قىلغانلار سانىنىڭ 53 كىشىگە يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرى ھېلىمۇ داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرىنى باشقۇرۇۋاتقان ھامىد ئەلئەخمەدى، مىنىڭچە بىنا ئاستىدا يەنە ساق قالغان ئادەملەر بار، بىز يەنە بىنا ئاستىدىكى بەزى كىشىلەرنى قۇتقۇزۇشنى ئۈمىد قىلىمىز،دېدى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى قۇتقۇزۇش ئىشلىرى ئۈچۈن مىڭ كىشىنى ۋەزىپىلەندۈرگەن.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ مەككە شەھىرىدىن خەۋەر قىلىشىچە، پەيشەنبە كۈنى ئۆرۈلۈپ چۈشكەن تۆرت قەۋەتلىك بىنانىڭ ئاستىدا قالغانلارنى قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرى داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، ھەج پەرزىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن مەككىگە يېغىلغان بىر مىليوندىن ئارتۇق مۇسۇلمان 6 ‏- يانۋار يەنى جۈمە كۈنى مەككىگە يېغىلىپ ھەرەمى شەرىپتە جۈمە نامىزىنى ئوقىغان.

سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋەقە يۈز بەرگىنىدە بىنادا ئۆلتۇرۇدىغان كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ سىرتقا چىقىپ كەتكەنلىكى، كۆپ كىشىنىڭ ئۆلۈشىنىڭ ئالدىنى ئالغان. ۋەقەدە ئۆلگەنلەر ئاساسلىقى فرانسىيە، ئەنگىلىيە، بىرلەشمە ئەرەب خەلىپىلىكى، مىسر ۋە ھىندۇنېزىيىدىن كەلگەن مۇسۇلمانلار ئىكەن. (قانات)