خىتاي كانادا ئۇيغۇرلىرىنى نازارەت قىلماقتا


2007.05.08

كانادادا نەشر قىلىنىدىغان ماكلەئانس جۇرنىلىدا 4- ماي خىتاي جاسۇسلۇق ئورگانلىرىنىڭ كانادادا ياشاپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىگە ھەرخىل ئۇسۇللاردا تەھدىت سېلىپ كېلىۋاتقانلىقىغا ئائىت بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىندى.

مەزكۇر ماقالىدە قەيت قىلىنىشچە، خىتاي مەخپىي ساقچىلىرى تۈن نىسپىدە تېلېفۇن قىلىپ كانادا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى مەمەت توختىغا تەھدىت سالغان.

مەلۇم بولۇشىچە، مەمەت توختىغا تېلېفۇن قىلغان خادىملار، تېلېفوننى ئېلىپلا ئۇنى تىللاپ كەتكەن ۋە ئۆزلىرىنىڭ خىتاي مۇھاجىرلار كومىتېتىدىن كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، مەمەت توختىغا ئۇيغۇرلار كانادا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىي پائالىيەتلىرىنى توختىتىش، تېخىمۇ مۇھىمى گېرمانىيىدە ئېچىلىدىغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشماسلىق ھەققىدە بېسىم ئىشلىتىپ، " ئاناڭ ۋە ئىنىڭ بىزنىڭ قولىمىزدا. نېمە قىلساق قىلالايمىز" دېگەن. پەقەت مۇشۇ ئىش ئۈچۈن 260 كىلومېتىر يول يۈرۈپ كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ قويغان.

بۇ يىل 43 ياشقا كىرگەن مەمەت توختى، 1980- يىللاردا خىتايدىن قېچىپ چىققان بولۇپ، ئانىسى بىلەن دىدارلاشمىغانغا 16 يىل بولغان ئىكەن. ھازىر كانادا 450 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ياشايدۇ. خىتاي ئۇلارغا بولغان نازارەتنى ھەرخىل يوللار بىلەن ئىشقا ئاشۇرماقتا.

ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، ھازىر كانادادا سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن، ئىلگىرى خىتاي ئەلچىخانىسىدا ئىشلىگەن بىر خىتاي دىپلوماتنىڭ ئايالى جياڭ جاڭنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ كانادادا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئۇيغۇر، تىبەت ۋە باشقا خىتايغا قارشى گۇرۇپپىلارنى كۆزىتىپ تۇرۇش ۋە ماتېرىيال توپلاش ئۈچۈن مەخسۇس بىر ئورگان تەسىس قىلغان.

جياڭ جاڭ "مەن خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئىپلاس ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولغان ئەپتى بەشىرىسىنى ئاچىمەن. ئۇلارنىڭ يالغانچىلىقلىرىنى چىتقا يايىمەن " دېگەن. (جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.