خىتاي بىلەن رۇسىيە بۇ يىل 8 - ئاينىڭ 18 - كۈنىدىن 26 - كۈنىگىچە بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلغان.
فرانسىيە ئاگېنتلىقى چارشەنبە كۈنى، خىتاي ھۆكۈمەت مەتبۇئاتىنىڭ خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، خىتاي قۇرۇقلۇق، دېڭىز ، ھاۋا ئارمىيىسى بىلەن رۇسىيە ھاۋا ئارمىيىسى ۋە دېڭىز ئارمىيىسىدىن تەركىپ تاپقان 8000 كىشىلىك ھەربىي قىسىم " 2005 - يىلدىكى تىنچلىق بۇيرۇقى" نامىدا بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزىدىغان يەر خىتاينىڭ خۇئاڭخەي دېڭىزى ئەتراپى بولۇپ ، رۇسىيە ھاۋا ئارمىيىسى SU 27 تىپتىكى ئۇرۇشچى ئايروپىلانىنى مەزكۇر مانېۋىرغا قاتناشتۇرىدىكەن. خىتاي تەرەپ، يادرولۇق سۇ ئاستى پاراخودى ۋە سۇ ئاستى پاراخودىغا تاقابىل تۇرالايدىغان قوراللارنى ئىشلىتىدىكەن. (ئەقىدە)