روبېرت زولېيك، خىتاينى دۇنياۋى مەسىلىلەردە "مەسئۇلىيەتچان" رول ئويناشقا چاقىردى
2006.01.27
يۇقىرى دەرىجىلىك ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى خىتاينىڭ خەلقئارادىكى ئورنى ئۇنىڭ دۇنياۋى مەسىلىلەردىكى تالاش - تارتىشلار ۋە ئىككى كۈچ ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەتلەردە "مەسئۇلىيەتچان" رول ئويناش ياكى ئوينىماسلىقىغا باغلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى كوندىلىزا رايىسنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي مەسىلىسى بېيجىڭنى ئامېرىكا ۋە باشقا كۈچلەرنىڭ خەلقئارا سەھنىدىكى بىر شېرىكى، دەپ ئېتىراپ قىلىش ياكى ئىقتىسادى مەنپەئەتنىلا كۆزلەيدىغان بىر دۆلەت، دەپ چۈشىنىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. ئۇ، پەيشەنبە كۈنى داۋۇس ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ يىغىنىدا سۆزلىگەن تېلېۋىزور نۇتۇقىدا " خىتاينىڭ باش كۆتۈرۈشى بىز دىققەت قىلىدىغان بىردىن - بىر مەسىلە ئەمەس. بۇ مەسىلىدە بارلىق كۈچلەرنىڭ بىر مەسئۇلىيىتى بار. بولۇپمۇ ئامېرىكا خىتاينىڭ مەسئۇلىيەتچان شېرىك ئىكەنلىكى ياكى ئەمەسلىكىنى ئېتىراپ قىلىشتا ئۇنىڭ خەلقئارا سېستىمىدىكى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش - قىلماسلىقى، تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش- سۈرمەسلىكىگە قارايدۇ ' دەپ تەكىتلىدى.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ تەكىتلىشىچە، ئامېرىكا خىتايدىن نېفىتكە بولغان ئىشتىھاسىنى تىزگىنلەپ، ئىران مەسىلىسىدە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى ھەرىكەتلەندۈرۈشكە توسقۇنلۇق قىلماسلىقنى تەلەپ قىلماقتا. خىتايدىكى زىيارىتىنى ئەمدىلا ئاخىرلاشتۇرغان ئامېرىكا مۇئاۋىن تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى روبېرت زولېيك، بېيجىڭدا خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن بىر قاتار مۇھىم ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ " ئىران مەسىلىسىدە ئامېرىكا بىلەن ئوخشاش يولدا ماڭمايدىغانلىقىنى" بىلدۈرگەن. بېيجىڭ ئىران يادرو مەسىلىسىدە رۇسىيىنىڭ پىلانىغا قىزىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئەمما رايىس داۋۇس يىغىنىدا سۆزلىگەن نۇتۇقىدا، خىتاينى شىمالىي كورىيە 6 دۆلەت سۆھبىتىدە مۇھىم رول ئوينىدى، دەپ ماختىغان. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي ئامېرىكا بىلەن ھەربىي ئالاقىنى كۈچەيتىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
- ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى بېيجىڭنى خىتاي - ئامېرىكا سودا تەڭپۇڭلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى
- خىتاي- ئامېرىكا يۇقىرى دەرىجىلىكلەرنىڭ 2 - نۆۋەتلىك ئىستىراتېگىيىلىك سۆھبىتى ۋاشىنگتوندا ئاخىرلاشتى
- ئامېرىكا - خىتاي يېڭى ئىستراتېگىيىلىك سۆھبىتىنى باشلىدى
- ئامېرىكا بىلەن خىتاي 2 - نۆۋەتلىك ئىستراتېگىيىلىك سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ