ئامېرىكىدىكى داڭلىق تەتقىقات ئورگانلىرىدىن بىرى راند كوپىراتىپى سەيشەنبە كۈنى دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينى قىرغىنچىلىق خاراكتېرلىك قوراللارغا ئىشلىتىدىغان نازۇك تېخنىكىلار ئېكسپورتىنى كونترول قىلىش جەھەتتە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىدى، دەپ كۆرسەتتى.
راند كوپىراتىپىنىڭ دوكلاتىدا تەكىتلىنىشىچە، خىتاينىڭ شىمالىي كورىيە يادرو قوراللار سۆھبىتىگە ساھىپخانلىق قىلغانلىقىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، يادرو قوراللار تېخنىكىسىنىڭ ئىران قاتارلىق دۆلەتلەرگە كېڭىيىشىنى توسۇش جەھەتتە يىتەرلىك تەدبىر ئالمىغان.
راند كوپىراتىپى، خىتايلارنىڭ ئۆتكەنكى 10 يىلدا قىرغىنچىلىق خاراكتېرلىك قوراللار ئېكسپورتىنى چەكلەش توغرىسىدا نۇرغۇن بەلگىلىمىلەر چىقارغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ بەلگىلىمىلەرنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن خام چوت ۋە ئادەم ئاجراتمىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى سەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، راند كوپىراتىپىنىڭ دوكلاتىنى جوڭگونى"مەسۇلىيەتسىزلەرچە" تەنقىدلىگەن، دەپ رەت قىلدى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى چىن گاڭ، "ئۇلارنىڭ دوكلاتى پاكىتلارغا ئۇيغۇن ئەمەس شۇنداقلا مەسئۇلىيەتسىزلىك،" دەپ ئەيىبلىگەن. چىن گاڭنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي قىرغىنچىلىق خاراكتېرلىك قوراللارنى كونترول قىلىش مەسىلىسىدە مەسئۇلىيەتچان دۆلەت ئىكەن. ئەمما بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا ئامېرىكا خىتاينىڭ 8 شىركىتىگە ئىراننى ھەربىي تېخنىكىلار بىلەن تەمىنلىگەنلىكى ئۈچۈن ئىمبارگو قويغان. (ئەركىن)