ئىران ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان رەھبەرلىرى مەزھەپلەر ئۇرۇشىنى ئەيىبلىدى
2007.03.04
ئىران ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان رەھبەرلىرى شىئەلەر بىلەن سۈننىيلەر ئارىسىدىكى مەزھەپلەر ئۇرۇشىنى ئەيىبلەپ، توختاۋسىز داۋاملىشىۋاتقان بۇ توقۇنۇشلارنىڭ مۇسۇلمان دۇنياسىغا زور خەتەر ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىشكەن.
ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، شەنبە كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى ئابدۇللا رىياد شەھىرىدە ئىران پرېزىدېنتى ماخمۇد ئەخمەدى نىجات بىلەن كۆرۈشكەندە سۈننىيلەر بىلەن شىيەلەر ئارىسىدىكى توقۇنۇش مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىپ، بۇ توقۇنۇشلارغا خاتىمە بېرىشنى تەكىتلىگەن.
ئوتتۇرا شەرق رايونىدا سۈننىيلەر بىلەن شىئەلەر ئارىسىدىكى زىددىيەت ئۇزۇن ئەسىرلەردىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئىراق ئۇرۇشىدىن كېيىن بىردىنلا يۇقىرى پەللىگە يېتىپ، ئىككى تەرەپتىن نۇرغۇن ئادەمنىڭ ئۆلۈشى كېلىپ چىققان ئىدى. سۈننىي مەزھىپىگە مەنسۇپ سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن شىئە مەزھىپىگە مەنسۇپ ئىران رەھبەرلىرىنىڭ كۆرۈشۈپ، بۇ توقۇنۇشنى بىرلىكتە توختىتىشقا چاقىرىق قىلىشى مۇسۇلمانلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن.
ئىككى دۆلەت رەھبىرى يەنە لىۋان ھۆكۈمىتى بىلەن ھىزبۇللانىڭ ھەمكارلىقى مەسىلىسىنىمۇ مۇزاكىرە قىلغان.
ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلىش ئۈچۈن كېلەر ھەپتىدە ئامېرىكا، ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەت ۋەكىللىرى باغدادتا جەم بولىدۇ، ئەرەب دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى بولسا 3-ئاينىڭ ئاخىرىدا سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ رىياد شەھىرىدە يىغىن ئاچماقچى.(ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئەنگىلىيە باش مىنىستىرى تونى بېلايىر ئىراقتىن ئەسكەر چېكىندۈرىدىغان ۋاقىتنى ئېلان قىلدى
- ئىراق ۋە ئافغانىستاندىكى دۈشمەن كۈچلىرىنىڭ ھۇجۇمى كۈچەيمەكتە
- ئامېرىكا ۋە ئىراق قىسىملىرى باغداتتا تازىلاش ھەرىكىتى قوزغىدى
- باغداتتىكى بىر ئىنستىتۇت ئەتراپىدا يۈز بەرگەن پارتلىتىش ۋەقەسىدە 15 ئۆلدى
- ئىراقتىكى ئۆلۈم-يېتىم ۋەقەلىرى كۆپەيمەكتە