روئىتىرىس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رۇخسىتى بىلەن خىتايدا ياپونىيگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان نامايىشلار، ئامېرىكىدىكى بەزى سىياسەتچىلەر ۋە مۇتەخەسسىسلەرنى ئەندىشىلەندۈرمەكتە.
ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي بىر كۈنى ئامېرىكىغا قارشىمۇ مۇشۇنداق نامايىشلارنى تەشكىللىشى مۇمكىن ئىكەن.
ئۆتكەن جۈمە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئامېرىكا- خىتاي ئىقتىساد ۋە بىخەتەرلىك ئىشلىرى كومىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنغا قاتناشقان مۇتەخەسسىسلەر، خىتاي ھۆكۈمىتى خىتايدىكى مەتبۇئات ۋە ئىنتېرنېتتىن، كوممۇنىست پارتىيىسى ئۆزىگە دۈشمەن كۆرگەنلەرگە قارشى خەلقىنىڭ تار مىللەتچىلىك ھېسسىياتىنى قوزغاشتا قورال سۈپىتىدە پايدىلانماقتا، دېدى.
بۇ قېتىمقى يىغىنغا قاتناشقان ۋىسكانسون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئىدۋارد فرىدمان، خىتاينىڭ ئاسىيا قىتئەسىدىكى ئەڭ ئاساسلىق رەقىبى ھېسابلانغان ياپونىيىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مەقسەتلىك ھالدا نىشان قېلىنغانلىقىنى، ئەمدى نۆۋەتنىڭ ئامېرىكا، تەيۋەن ۋە دېموكراتىيىگە كېلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
بۇ ئارىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ياپونىيە- خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدىكى يىرىكلىشىشتىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. (قانات)