رۇسىيىدە چەتئەللىكلەرگە زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى ئەۋج ئالماقتا

رۇسىيىدە يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان رۇس ياشلىرىنىڭ توپلىشىپ، چەتئەللىكلەرگە جۈملىدىن چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا زەربە بېرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىرقچىلىقنىڭ ئەۋجى ئېلىۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىنماقتا.

ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسى مۇخبىرىنىڭ موسكۋادىن خەۋەر قىلىشىچە، يېقىنقى بىر قانچە ئايدىن بۇيان رۇسلارنىڭ رۇس ئەمەس مىللەتلەر بولۇپمۇ قارا چاچلىق مىللەتلەرگە بولغان ئىرقىي كەمسىتىش خاراكتېرىدىكى ھۇجۇملىرى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشكە باشلىغان بولۇپ، رۇسىيىنىڭ ۋورونجە شەھىرىدە يېقىندا رۇس ياشلىرىنىڭ چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆلۈشى ۋە يارىدار بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇ رايوندا ، چەتئەللىكلەرگە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى 2004-يىلىدىكىدىن 40% ئاشقان.

رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ يېزىشىچە، موسكۋا، سانكىتپېتېربۇرگ قاتارلىق چوڭ شەھەرلەردىمۇ بۇ ئەھۋال ئېغىر بولۇپ، 15-20 ياشلارغىچە بولغان "ئايپاڭباشلار" دەپ ئاتالغان رۇس ياشلىرىنىڭ گۇرۇپپىلىرى، رۇسىيە تۇپرىقىدىكى قارا چاچلىق مىللەتلەر ۋە ئوتتۇرا ئاسىيالىقلار، ئوتتۇرا شەرقلەر ، قارا تەنلىكلەر ھەم خىتايلارغا چېقىلىپ، ئۇلارنى ئۇرۇش ۋە بۇلاش ھەتتا ئۆلتۈرۈش ۋەقەلىرىنى كۆپلەپ سادىر قىلماقتا. ئەمما بۇ ئىشلارغا نىسبەتەن ھۆكۈمەت تەرەپ ھېچقانداق قاتتىق چارە كۆرمىگەن. (ئۈمىدۋار)