موسكۋا شەھىرىدە رۇس مىللەتچىلىرى كوچا ئايلىنىپ، ھەيۋە كۆرسەتتى

4-نويابىر كۈنى موسكۋا شەھىرىنىڭ مۇھىم مەركىزىي كوچىلىرىدا رۇس فاشىستلىرى مارش ئېيتىپ، كوچا ئايلىنىپ، رۇس ئەمەس مىللەتلەرنى رۇسىيىدىن قوغلاپ چىقىرىشنى مەزمۇن قىلغان شوئارلارنى توۋلىدى. بۇ ھەقتە رۇسىيىنىڭ خەۋەرلەر ئاگېنتلىقى ئۇچۇر تارقاتقان بولۇپ، بۇنىڭغا تەخمىنەن ئىككى مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قاتناشقان.

رۇسىيىنىڭ "موسكۋا ساداسى" رادىئوسىنىڭ ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، نامايىشچىلار دۇمباقلىرىنى چېلىپ، " رۇسىيە پەقەت رۇسلار ئۈچۈن"،" رۇسلار ئالغا" دېگەندەك خەتلەر يېزىلغان لوزۇنكىلارنى كۆتۈرگەن، بۇ مارش ئېيتىپ مېڭىش شەكلىدىكى پائالىيەتنى رۇسىيىنىڭ ياۋرو-ئاسىيا ياشلار ئىتتىپاقى دېگەن تەشكىلات ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، بۇنىڭغا رۇس فاشىستلىرىنىڭ " قانۇنسىز كوچمەنلەرگە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى"، "ئەسلەش"، " رۇسىيە قۇدرەتلىك مىللىي دۆلەت پارتىيسى" قاتارلىقلارنىڭ ئەزالىرى ئىشتىراك قىلغان.

بۇ جەرياندا مۆتىدىل خاراكتېرگە ئىگە " مۇداپىئە" ھەرىكىتى دەپ ئاتالغان تەشكىلاتنىڭ ئەزالىرى بىلەن فاشىستلار ئارىسىدا كىچىك كۆلەمدە توقۇنۇش چىققان بولۇپ، ساقچىلار بۇنى تېزلىك بىلەن بېسىقتۇرغان. خەۋەرلەرگە قارىغاندا يېقىنقى يىلاردىن بۇيان رۇسىيىدە مىللەتچىلىك كۈچىيىشكە قاراپ يۈزلەنگەن بولۇپ، رۇس مىللەتچىلىرى موسكۋا قاتارلىقلار جايلاردىن رۇس ئەمەس مىللەتلەرنى جۇملىدىن ئوتتۇرا ئاسىيالىق، كاۋكازلىقلار، خىتايلار ۋە باشقا چاچلىق مىللەتلەرنى قوغلاپ چىقىرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارماقتا. بۇ مىللەتلەر دائىم رۇس مىللەتچىلىرىنىڭ زەربىسىگە ئۇچراپ، بۇلاڭ تالاڭ قىلىنىش ھەتتا ئۆستۈرۈلۈش ئەھۋاللىرىغا دۇچ كەلمەكتە. بۇ ھال رۇسىيىدىكى مىللىي زىددىيەتلەرنى تېخىمۇ ئۆتكۈرلەشتۇرمەكتە. (ئۈمىدۋار)