مىسىردا ئۆتكۈزۈلگەن سايلامنىڭ نەتىجىسى جۈمە كۈنى ئېلان قىلىندى. مىسىر مەركىزىي سايلام كومىتېتىنىڭ ئېلان قىلىشىچە، مىسىر پرېزىدېنتى ھۈسنىي مۇبارەك، مىسىر تارىخىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىمقى تۇنجى سايلامنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرگەن.
سايلامدىن ئىلگىرى كۆزەتكۈچىلەر، سايلامدا مۇبارەكنى غەلىبە قىلىشى مۈمكىن، دەپ قارىماقتا ئىدى. سايلام كومىتېتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ قېتىمقى سايلامدا سايلام يېشىغا توشقان پۇقرالارنىڭ ئاران 23 ٪ ئى بېلەت تاشلىغان. مۇبارەكنىڭ 7 مىليون 300 مىڭ تال بېلەتنىڭ 6 مىليونىغا ئېرىشكەنلىكى جاكارلاندى.
ئۆكتىچىلەر، سايلامدا ساختىپەزلىك ۋەقەلىرى يۈز بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. سايلام كومىتېتى ئۆكتىچىلەر نامزاتى ئەيمان نۇرنىڭ سايلام نەتىجىسىنى بىكار قىلىش توغرىسىدىكى ئىلتىماسىنى رەت قىلغان. ئەمما بەزى ئۆكتىچىلەر سايلام ئۆتكۈزۈلگەنلىكنىڭ ئۆزى بىر غەلىبە، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
پرېزىدېنت مۇبارەك 1981 - يىلى سابىق مىسىر پرېزىدېنتى سادات ئەنۋەر سۈيقەستكە ئۇچراپ ئۆلگەندىن بېرى، مىسىرنى ئىدارە قىلىپ كەلدى. ئۇ ھەر قېتىمقى سايلامدا ئۆز ئورنىنى خەلق ئاۋازىغا قويۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق ساقلاپ كەلگەن. ئۇ سايلامدا غەلىبە قىلغاندىن كېيىن مىسىرنى يەنە 6 يىل ئىدارە قىلىدۇ. (ئەركىن)