ئامېرىكا رىيۇكيۇ تاقىم ئاراللىرىدا باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى توسۇش سېستىمىسى قۇردى

مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا بۇيىل 7 ‏- ئايدا ياپونىيىنىڭ جەنۇبىىدكى رىيۇكيۇ تاقىم ئاراللىرىدىكى ھاۋا ئارمىيە بازىسى ۋە ئوق -دورا ئىسكىلاتى بار جايدا، توكيودىن 1600 كىلومېتىر يېراقلىقىتىكى 4 ئورۇندا قارشى تەرەپتىن ئېتىلىپ چىققان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى توسۇۋالىدىغان 'ۋەتەنپەرۋەر' ناملىق 3 ‏- ئەۋلاد باشقۇرۇلىدىغان بومبا پونكىتى قۇرۇپ چىقتى. ھەر بىر پونكىتتا ۋەتەنپەرۋەرنى ئاتىدىغان 6 ئۈسكۈنە بار. ياپونىيە ئۇچۇر ۋاستىلىرىنىڭ ئاشكارىلاپ قويۇشىچە، 'ۋەتەنپەرۋەر'نى ئاتىدىغان ئۈسكۈنىلەرنىڭ يەنە بەزى سەپلىمىلىرى ئۆتكەن ھەپتىدە توشۇپ كېلىنگەن. بۇ سېستىمىنىڭ تولۇق قۇرۇلۇشى يىل ئاخىرىغىچە تامامەن پۈتىدىكەن.