فرانسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ 1 - ئاۋغۇست ئۇلانباتۇردىن خەۋەر ئېلان قىلىشىچە، ئامېرىكا بىلەن موڭغۇلىيىنىڭ " خاقاننى ئىزدەش2007 - ناملىق " كۆپ دۆلەت بىرلەشمە مانېۋىرى چارشەنبە كۈنى ئۇلانباتورغا 60 كىلومېتىر كېلىدىغان دائىرىدە رەسمىي باشلانغان .
مەزكۇر كەڭ كۆلەملىك ھەربىي مانېۋىرغا ئامېرىكا ، موڭغۇلىيە، بىنگال، برۇنى، ھىندونېزىيە، كامبودژا، مالايسىيا، كورىيە ۋە سرىلانكا قاتارلىق توققۇز دۆلەتنىڭ 10 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكىرى قاتناشقان.
فرانسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بىر نەپەر ئامېرىكا دېپلوماتىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، مەزكۇر كۆپ دۆلەت بىرلەشمە مانېۋىرى 16 - ئاۋغۇست رەسمىي ئاخىرلاشتۇرۇلماقچى بولۇپ ، ئاساسەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تىنچلىقنى ساقلاش قىسىملىرىنىڭ ھەرىكەتلىرىگە ماسلىشىشچانلىقنى ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى ، رۇسىيە ھەمدە ھىندىستانلار بىلەن بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرغا تەييارلىق قىلىۋاتقاندا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ توققۇز دۆلەت بىرلەشمە مانېۋىرىغىمۇ كۆزەتچى ئەۋەتكەن. خەۋەرگە قارىغاندا روسىيە ھەمدە ياپونىيىمۇ مەزكۇر مانېۋىرغا كۆزەتكۈچى ئەۋەتكەن ئىكەن. (گۈلچېھرە)