موڭغۇلىيە ئۆكتىچىلىرى يېڭى پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلىپ نامايىش قىلدى


2005.03.30

قىرغىزىستاندىكى ئۆكتىچىلەر نامايىش ئارقىلىق ھۆكۈمەتنى قولغا ئالغاندىن كېيىن، موڭغۇلىيىدىكى ئۆكتىچىلەرمۇ ئۆتكەن جۈمە كۈنى نامايىش ئۆتكۈزۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ يېڭىدىن پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈشىنى تەلەپ قىلدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، جۈمە كۈنى 5 مىڭغا يېقىن موڭغولىيە ئۆكتىچىلىرى ئۇلانباتوردىكى پارلامېنت بىناسى ئالدىدا قىرغىزىستاندىكىگە ئوخشاش سېرىق رەڭدىكى شارپىلارنى تاقاپ نامايىش قىلغان.

ئۇلار نامايىشتا يەنە لوزونكا ۋە بايراقلارنى كۆتۈرۈپ،"قىرغىز بۇرادەرلىرىمىزنىڭ ئىنقىلاۋىي روھىنى تەبرىكلەيلى. موڭغۇلىيىدىكى چىرىكلىكنى يوقىتايلى" دېگەنگە ئوخشاش شۇئارلارنى توۋلىغان.

نامايىشچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار 4 - ئاينىڭ 7 - كۈنى يەنى موڭغۇلىيە پارلامېنتى يىغىنى مەزگىلىدە يەنە بىر قېتىم نامايىش ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىماقتا ئىكەن. موڭغولىيە، سابىق كوممۇنىست دۆلىتى بولۇپ، ئۇ 1990 - يىلىغا كەلگەندە ئاندىن كۆپ پارتىيىلىك دىموكراتىيىنى قوبۇل قىلغان. ئەمما ئۆكتىچىلەر، موڭغولىيە ھۆكۈمىتىدە چىرىكلىكنىڭ ئېغىرلىقىنى ۋە پارلامېنت سايلىمىنىڭ ئادىل بولمىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.(پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.