موڭغۇلىيىدە يۈزلىگەن كىشى نامايىش ئۆتكۈزدى

16‏-دېكابىر كۈنى موڭغۇلىيىنىڭ پايتەختى ئولانباتۇردا يۈزلىگەن كىشى ھاۋانىڭ سوغاقلىقىغا قارىماستىن، پارلامېنتنىڭ ھاكىمىيەتتىكى بىرلەشمە ھۆكۈمەتنى بىكار قىلىش قارىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى.

رويترېس ئاگېنتلىقىنىڭ نەق مەيداندىن خەۋەر قىلىشىچە، ساقچىلار پارلامېنت بىناسى ئالدىدا قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئالغان بولۇپ، نامايىشچىلارنى موڭغۇلىيە خەلق ئىنقىلابى پارتىيىسى مەركىزىنىڭ بىناسىغا يېقىنلاشماسلىق توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغان.

ئۆتكەن ھەپتە نامايىشچىلار موڭغۇلىيە خەلق پارتىيىسى مەركىزىگە ھۇجۇم قىلىپ، دېرىزىلەرنى سۇندۇرۇپ، پارتىيە بايراقلىرىنى كۆيدۈرگەن ئىدى.

مول يەر ئاســتى ۋە يەر ئۈستى بايلىق مەنبەلىرىگە ئىگە بولغان موڭغۇلىيە ئۆتكەن ھەپتە، ھاكىمىيەت بېشىدىكى بىرلەشمە ھۆكۈمەت ئەزالىرىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى تەشكىل قىلغان موڭغۇلىيە خەلق ئىنقىلابى پارتىيىسى ۋەكىللىرىنىڭ باش مىنىستىر ساخايگىن ئەلبىگدورنىڭ ھۆكۈمىتىدىن ئىستىپا بېرىشى بىلەن چوڭ بىر سىياسىي كرىزىسقا دۇچ كەلگەن ئىدى.

ئەلبىگدور، 16‏- يانۋار كۈنى رويترېس ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا، موڭغۇلىيە خەلق ئىنقىلابى پارتىيىسىنىڭ بىرلەشمە ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇشنى مەقسەت قىلغان قارارى، موڭغۇلىيىدە خەتەرلىك بىر ۋەزىيەتنى پەيدا قىلدى، دېدى.

موڭغۇلىيىدە ھاكىمىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى يېڭى بىر ئىش ئەمەس، ئەمما سىياسىي مۇلاھىزىچىلار، بۇ قېتىمقى سىياسىي ئۆزگىرىشنىڭ دېموكراستىيىگە تەھدىت قىلىدىغان بىر ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. (قانات)