موڭغۇللار ئۆزلىرىنىڭ كۆچۈپ كەلگەنلىكىنىڭ 236 يىللىقىنى خاتىرىلىدى

20-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدا سان جەھەتتە ئۇيغۇرلاردىن نەچچە ھەسسە ئاز بولۇشىغا قارىماي، ئاپتونوم ئوبلاستلىق سالاھىيىتىگە ئېرىشىپ، ئۇيغۇر ئېلى تۇپراقلىرىنىڭ زور بىر قىسىمىنى ئىگىلىگەن موڭغۇللار، بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ باغراش ناھىيىسىدە 23-ئىيۇن كۈنى موڭغۇل قەبىلىلىرىنىڭ رۇسىيىنىڭ ۋولگا دەرياسى بويىدىن كۆچۈپ كەلگەنلىكىنىڭ 236 يىللىقىنى خاتىرىلەپ، نادام تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاۋازى ھېسابلىنىدىغان شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرلىرىغا ئاساسلانغاندا، نادام مىللىي تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىغا مەزكۇر ئوبلاستقا تەۋە سەككىز ناھىيىدىن تەنھەرىكەت ئۆمەكلىرى قاتناشقان بولۇپ، ئات بەيگىسى، تۆگە بەيگىسى، چېلىش، سۇ ئۈزۈش ۋە موڭغۇللارنىڭ ئادەتلىرى بويىچە، مىللىي مۇزىكا ئورۇنداش، جاڭغىر داستانىنى ئېيتىش، ئۇسۇل ئويناش قاتارلىق كۆپلىگەن تۈرلەر بويىچە مۇسابىقە ئېلىپ بېرىلغان.

بايىنغۇلىن ئوبلاستى ھەر يىلى 23-ئىيۇننى "شەرققە قايتىپ كېلىش كۈنى" قىلىپ بېكىتىپ ،بۇ كۈنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن ھەر يىلى بىر قېتىم نادام تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلغان.

موڭغۇللارنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، مىلادىي 1771-يىلى رۇسىيىنىڭ ۋولگا دەرياسى بويلىرىدا چارۋىچىلىق قىلىدىغان، موڭغۇل قەبىلىلىرىدىن خوشۇت قەبىلىسى بىلەن تۇرغۇت قەبىلىسى چار رۇسىيە ھۆكۈمىتىگە بوي سۇنۇشنى خالىمىغانلىقى ئۈچۈن، چاررۇسىيە قوشۇنلىرىنىڭ قىرغىن قىلىشىغا ئۇچرىغان، نەتىجىدە موڭغۇل قەبىلە باشلىقلىرىدىن ئونباش ئىككى قەبىلىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، شەرقتىكى ئەجدادلىرى تۇرغان يايلاقلارغا قايتىپ كېتىشنى قارار قىلغان.

ئەمما، موڭغۇللارنىڭ باشقا قەبىلىلىرى ئۆز ئورنىدا قېلىپ، چار رۇسىيىگە بەيئەت قىلغان، ئۆز ئورنىدا قالغانلىرى قالماقلار دەپ ئاتالغان بولۇپ، ئۇلار ھازىر رۇسىيىدە جۇمھۇرىيەت ھوقۇقىغا ئېرىشكەن بولۇپ، بۇ، قالماقىيە جۇمھۇرىيىتى دەپ ئاتالغان. قايتىپ كەلگەنلەر بولسا، ھازىرقى خوشۇت، بايىنبۇلاق ۋە باشقا جايلارغا ئورۇنلاشقان.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ۋەقەنى ھازىرقى زامان جۇڭگو چۈشەنچىسى بويىچە پەدەزلەپ، "مەزكۇر كۆچۈش موڭغۇللارنىڭ جۇڭگونى قىزغىن سۆيگەن ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىدىن كېلىپ چىققان" دەپ مەدھىيىلىمەكتە. (ئۈمىدۋار)