موڭغۇلىيە پارلامېنتى جۈمە كۈنى بىرلەشمە ھۆكۈمەتنى تارقىتىۋېش ياكى ساقلاپ قېلىش مەسىلىسىنى مۇنازىرە قىلدى. چارشەنبە كۈنى موڭغۇلىيە خەلق ئىنقىلابى پارتىيىسىدىن بولغان ئىچكى كابىنت ئەزالىرى بىرلەشمە ھۆكۈمەتتىن چېكىنىپ چىققانلىقىنى جاكارلىغان. كۆزەتكۈچىلەر، موڭغۇلىيىدىكى سىياسى كرىزىسنى موڭغۇلىيىدىكى سابىق كوممۇنىستلار قوزغىغان ھوقۇق تالىشىش كۈرىشى، دەپ كۆرسەتمەكتە.
جۈمە كۈنى ئۇلانباتۇردا بىر قانچە يۈز كىشىلىك نامايىش ئۆتكۈزۈلۈپ، نامايىشچىلار بىرلەشمە ھۆكۈمەت ئىچكى كابىنتىدىكى خەلق ئىنقىلابى پارتىيىسى ئەزالىرىنىڭ ئىستىپادىن ۋاز كېچىشىنى تەلەپ قىلدى. موڭغۇلىيە خەلق ئىنقىلابى پارتىيىسىنىڭ بىرلەشمە ھۆكۈمەت ئىچكى كابىنتىدىكى 10 مىنىستىر ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىپ، دېموكراتلار پارتىيىسىدىن بولغان باش مىنىستىر شاخىگىن ئېلبېرگدورجى ھۆكۈمىتىنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان.
نامايىشچىلار جۈمە كۈنى خەلق ئىنقىلابى پارتىيىسىنىڭ بايرىقىنى كۆيدۈردى. خەلق ئىنقىلابى پارتىيىسى ، باش مىنىستىر ئېلبېرگدورجىنى نامايىشنى ئۇيۇشتۇرغان، دەپ ئەيىبلىگەن. ئەمما ئېلبېرگدورجى خەلق ئىنقىلابى پارتىيىسىنىڭ تەنقىدىنى رەت قىلدى. ئۇ، مەزكۇر پارتىيىنى ئويلۇشۇپ ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرىپ، " بىزنىڭ مۇقىمسىز ۋەزىيەتتىن ئالغان يىتەرلىك ساۋاقلىرىمىز بار. مەن خەلق ئىنقىلابى پارتىيىسىنى ئويلۇشۇپ ئىش قىلىشقا چاقىرىمەن" دەيدۇ. خەلق ئىنقىلابى پارتىيىسى 1920 - يىللاردىن تارتىپ تاكى 1990- يىللاردا سوۋېت ئىتتىپاقى تارقالغانغىچە موڭغۇلىيىدە ھاكىمىيەت سورىغان.
خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى جۈمە كۈنى موڭغۇلىيە ۋەزىيىتى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلىپ، موڭغۇلىيە ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئۆتكەن يىلى ئۇلانباتۇرنى زىيارەت قىلغاندا، موڭغۇلىيىنى ئاسىيادا دېموكراتىيە يولىنى تاللىۋالغان ئۈلگىلىك دۆلەتلەرنىڭ بىرى، دەپ ماختىغان. (ئەركىن)