رۇسىيىنىڭ پايتەختى موسكۋا شەھىرىدە پرېزىدېنت ۋلادىمىر پۇتىننى قوللايدىغان مىڭلىغان ياشلارنىڭ يىغىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.
رۇسىيىنىڭ ئىنتېرفاكىس ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، "بىزنىڭكىلەر" ھەرىكىتى دەپ ئاتالغان مەزكۇر تەشكىلاتنىڭف 15 مىڭدىن ئارتۇق ئەزاسى يەكشەنبە كۈنى موسكۋانىڭ ئاساسلىق مەركىزىي كوچىلىرى ۋە مەيدانلىرىدا يىغىلىش ھەم مارش ئۆتكۈزگەن. موسكۋا ساقچى دائىرىلىرى مۇقىملىقنى قوغداش ئۈچۈن بەش مىڭ ئەتراپىدا ساقچى چىقىرىپ، تەرتىپ ساقلىغان.
ئەنگىلىيە رادىئو-تېلېۋىزىيە شىركىتى ب ب س نىڭ ئۇچۇرىدىن قارىغاندا، بۇ ھەرىكەتكە قاتناشقانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە موسكۋا شەھەر ئەتراپىدىن كەلگەن يۇقىرى يىللىق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى مەخسۇس ئاپتوبۇسلار بىلەن موسكۋا شەھىرىگە بىكارلىق ئېلىپ كېلىڭەن ئىكەن.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، "بىزنىڭكىلەر" ھەرىكىتىنىڭ باشلىقى ۋاسىلىي ياكېمېنكو ھەرىكەتكە قاتنىشىدىغانلارنىڭ سانىنىڭ 100 مىڭغا يەتكۈزىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. "بىزنىڭكىلەر" ھەرىكىتىنىڭ قاتناشقۇچىلىرى قىزىل-ئاق مايكا كىيگەن، قوللىرىغا "پرېزىدېنت بىلەن مۇناسىۋەتلىك" دېگەن خەتلەر يېزىلغان سومكا كۆتۈرگەن بولۇپ، بۇ ئۇلارنىڭ بەلگىسى ئىكەن. مەزكۇر ھەرىكەتنىڭ باشلىقى 1-ئاپرەلدىن 1-ئىيۇنغىچە بۇ ھەرىكەتنى داۋام قىلىدىغانلىقى، بۇنىڭغا تېخىمۇ كۆپ ئادەم قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇنداق خىلدىكى پائالىيەت ئىلگىرى ئۈچ قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بىر قانچە مىڭ كىشى بىر قانچە كۈن لاگېرغا جەم بولۇپ، پائالىيەت ئۆتكۈزگەن، ئۇلارغا ھەقسىز تاماق بېرىلگەن ھەم كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى ئۇيۇشتۇرۇلغان.
بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەر "بىزنىڭكىلەر" دەپ ئاتالغان بۇ ھەرىكەتنىڭ ۋلادىمىر پۇتىننى قوللايدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ كرېمل تەرەپدارلىرى تەرىپىدىن ئۇيۇشۇتۇرۇلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.
كېلەر يىلى پۇتىننىڭ پرېزىدېنتلىق مۆھلىتى توشىدۇ. رۇسىيىدە يېڭىدىن پرېزىدېنت سايلىمى بولۇش ئالدىدا تۇرماقتا. (ئۈمىدۋار)