"كيوتو شەرتنامىسى" رەسمىي كۈچكە ئىگە بولدى

يەر شارىنىڭ ئىسسىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش نىشان قىلىنغان "كيوتو شەرتنامىسى" 8 يىللىق تالاش-تارتىشتىن كېيىن، رۇسىيىنىڭ ئىمزا قويۇشى بىلەن بۇ يىل 2 -ئاينىڭ 16 -كۈنى رەسمىي كۈچكە ئىگە بولدى. ئۇنىڭغا دۇنيادىكى 140 دۆلەت قول قويدى.

مەزكۇر شەرتنامىنىڭ لايىھىسى تۇنجى بولۇپ 1997 - يىلى ياپونىيىنىڭ كيوتو شەھىرىدە مۇزاكىرە قىلىنغان بولۇپ، ئۇ ئاساسلىقى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ كاربون 4 ئوكسىد قاتارلىق ئاتموسفېرادا ئىسسىقلىق پەيدا قىلىدىغان 5 خىل گازنى ھاۋاغا قويۇپ بېرىشىنى كونترول قىلىشنى نىشان قىلغان.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ خىل گازلارنى بىر قەدەر كۆپ قويۇپ بېرىدىغان دۆلەتلەردىن ئامېرىكا بىلەن ئاۋسترالىيە مەزكۇر "كيوتو شەرتنامسى" غا قاتناشمىغان. چۈنكى، ئامېرىكا مەزكۇر شەرتنامىنىڭ، ئىقتىسادىي تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان خىتاي بىلەن ھىندىستانغا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر قاتارىدا مۇئامىلە قىلىپ، ئۇلارغا يېتەرلىك چەكلىمە قويۇلمىغانلىقىدىن نارازى بولۇپ، بۇ شەرتنامىدىن چىقىپ كەتكەن.

گەرچە خىتاي دۇنيادىكى ھاۋاغا پارنىك گازلارنى قويۇپ بېرىدىغان ئىككىنچى چوڭ دۆلەت بولسىمۇ، ئەمما ئۇ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت بولغانلىقى ئۈچۈن مەزكۇر شەرتنامە خىتاينىڭ بۇ خىلدىكى گازلارنى قويۇپ بېرىش مىقدارىغا چەكلىمە قويمىغان.

ئامېرىكىنىڭ سابىق پرېزىدېنتى بىل كلىنتون ۋەزىپىدىكى چېغىدا، بۇ شەرتنامە بويىچە پارنىك گازلارنى ھاۋاغا قويۇپ بېرىش مىقدارىنى٪ 7 ئازايتىشقا قوشۇلغان بولسىمۇ، ئەمما پرېزىدېنتى جورج بۇش 2001 - يىلى تەختكە چىقىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا، بۇ شەرتنامىدىن چىقىپ كەتكەن. (پەرىدە)