ياپونىيە، خىتاينىڭ ئېغىر بىخەتەرلىك مەسىلىسىگە ئايلانغانلىقىنى بىلدۈردى


2005.04.15

خىتاي- ياپونىيە مۇناسىۋىتى جىددىيلەشكەن بىر پەيتتە، ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يىللىق تاشقى ئىشلار دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ياپونىيىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئېغىر مەسىلىگە ئايلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي جوڭگو دېڭىز تېررىتورىيىسىدە ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنى ئېچىش پىلانى ۋە خىتاي يادرو سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ ئۆتكەن يىلى ياپونىيە تېررىتورىيىسىگە بۆسۈپ كىرگەنلىكى، ياپونىيىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىد ئېلىپ كەلگەن.

ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى دوكلاتىدا، " خىتاينىڭ بىر قاتار قىلمىشلىرى، ياپونىيىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان مەسىلىلەرنى تۇغدۇردى" دېگەن. ئەمما يەنە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشنىڭ زۆرۈرىيىتىنى تەكىتلەپ، " ياپونىيە- خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىملىقى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ تىنچلىقى ۋە گۈللىنىشى ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدۇ" دەپ بىلدۈرگەن.

بۇنىڭدىن سىرت، دوكلاتتا يەنە ياپونىيىگە قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىشنىڭ پەقەت ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ يىرىكلەشتۈرىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

بۇ ئارىدا، ياپونىيە پارلامېنتىنىڭ بىر كومىتېتى دوكلات ماقۇللاپ، ياپونىيىنىڭ 2 - دۇنيا ئۇرۇشىدىن كىيىن تۈزگەن تىنچلىقپەرۋەر ئاساسىي قانۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلدى. ياپونىيىنىڭ ئاۋام پالاتاسى جۈمە كۈنى مەزكۇر دوكلاتنى پارلامېنت باشلىقىغا سۇنغان بولۇپ، بۇ دوكلاتتا، ياپونىيىنىڭ ھازىرقى قانۇنىدىكى تىنچلىقپەرۋەر ئېقىمنى ساقلاپ قالغان ئاساستا، ھەربىي جەھەتتىكى قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىش تەشەببۇس قىلىنغان. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.