خىتاي - ياپونىيە مۇناسىۋىتى يەنە جىددىيلىشىشكە باشلىدى

خىتاي ‏- ياپونىيە مۇناسىۋىتى سانساكۇ تاقىم ئاراللىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە ياپونىيىلىك دىپلوماتنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشى قاتارلىق ۋەقەلەر سەۋەبىدىن يەنە جىددىيلىشىكە باشلىدى. خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى جۈمە كۈنى ياپونىيىنىڭ خىتايدىكى ئەلچىخانىسىنىڭ ئەمەلدارىنى تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرتىپ، ياپونىيە ئوتتۇرا مەكتەب دەرسلىك كىتابىدا خىتايلار دياۋيۈيتەي، دەپ ئاتايدىغان سانساكۇ تاقىم ئاراللىرىنى ياپونىيە زېمىنى قىلىپ كۆرسەتكەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى ئەمەلدارى چيۇ گوخۇڭ، ياپونىيە ئەلچىخانىسىنىڭ ئەمەلدارى خىدېخىسا خورىنوچىغا، دياۋيۈيتەي تارىختىن بېرى جۇڭگونىڭ بىر قىسىمى ئىكەنلىكى ۋە بۇ مەسىلە جۇڭگو - ياپونىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئىگىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. چيۇ گوجوڭ، " بۇ مەسىلىدە بىر تەرەپلىمىلىك ھەرىكەت قوللىنىش قانۇنسىز ۋە ئىناۋەتسىز " دەيدۇ. شۇ كۈنى خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى شاڭخەيدە تۇرۇشلۇق ياپونىيە كونسۇلخانىسىدىكى بىر دىپلوماتنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ۋەقەسى توغرىسىدا ياپونىيە ئەمەلدارلىرىنى جۇڭگوغا "ئاساسسىز ھۇجۇم قىلىش" بىلەن ئەيىبلىدى.

خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى چىن گاڭ" بىزنىڭ تەكشۈرۈشىمىزچە جۇڭگو ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغۇچىنى ئۆلۈۋېلىشقا مەجبۇرلاش ئەھۋالى يۈز بەرگەن ئەمەس " دەپ كۆرسەتتى. ئۇ، خىتاينىڭ ۋىئەننا ئەھدىنامىسىغا خىلاپلىق قىلغانلىقىنى رەت قىلغان. لېكىن ياپونىيە ئىچكى كابىنت سېكرىتارى شىنزو ئابې، جۈمە كۈنى مۇخبىرلارغا " شاڭخەي دۆلەت خەۋپسىزلىك دائىرىلىرى ياپونىيە كونسۇلخانا خادىمىغا رەھىمسىزلەرچە تەھدىت سالغان ۋە قورقۇتقان، لېكىن بۇ ئۇنى باش ئەگدۈرەلمىگەن. ئۇ، تەھدىتلەر ئالدىدا دۆلىتى ئۈچۈن ئۆز ھاياتىنى تەقدىم قىلغان " دەپ جاكارلىدى.

ياپونىيىنىڭ شاڭخەيدىكى كونسۇلخانىسىدا ئىشلەيدىغان بىر خادىمى 2004 - يىلى 5 - ئايدا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان. ئۇ ۋەسىيەتنامىسىدا، شاڭخەيلىك قىز دوستى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى سەۋەبىدىن خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ بېسىمىغا ئۇچرىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. (ئەركىن)