ئۇيغۇر دولان مۇقامى ۋېنادا كۆرسىتىلمەكچى
2006.05.24
ئۇيغۇرلارنىڭ دولان مۇقامى بۇ يىل 11 - ئايدا دۇنيادىكى داڭلىق مۇزىكا سارىيى بولغان ۋېنانىڭ ئالتۇن تىياتىرخانىسىدا كۆرسىتىلمەكچى.
ئاقسۇ ۋىلايىتى ئاۋات ناھىيىسى ئەمەلدارلىرىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، بۇ دولان مۇقامىنى كۆرسىتىشكە بارىدىغانلار ئاۋاتتىكى يەرلىك خەلقلەردىن تەشكىللەنگەن دولان مۇقام ئانسامبىلى بولۇپ، بۇ ئانسامبىل 2001-يىلى قۇرۇلغان ئىكەن. شۇنداقلا ئۇنىڭغا 106 كىشى ئەزا بولۇپ، ئۇلار 13 ياشتىن 78 ياشقىچە بولغان خەلق سەنئەتكارلىرى ئىكەن. ۋېنادىكى سەنئەت كېچىلىكىكە بۇ ئۆمەكتىكى ئون نەچچە ياشانغان ئارتىست بېرىپ قاتنىشىدىكەن.
ئۇيغۇرلارنىڭ "12 مۇقام" ى 2005- يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن "ئىنسانلارنىڭ ئاغزاكى ۋە غەيرى رەسمىي مەدەنىي مىراسلىرى" تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، شۇنىڭدىن بۇيان ئۇيغۇر مۇقامى خەلقئارا سەنئەت سەھنىسىدە كۆزگە كۆرۈنۈشكە باشلىدى.
ئاقسۇ ۋىلايىتى ھازىر ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان " دولان مەدەنىيىتى" نى قېزىش، رەتلەش ۋە تەتقىق قىلىش خىزمەتلىرىگە كۈچ چىقارماقتا. (پەرىدە)