مۇرات ناسىروپنىڭ نامىغا بېغىشلانغان ياش ناخشىچىلار مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ
2007.12.09
ئىگىلىشىمىزچە، 12 - دېكابىر كۈنى قازاقىستاننىڭ كونا پايتەختى ئالمۇتا شەھىرىدىكى جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر تىياتىرىدا پۈتۈن قازاقىستان بويىچە ئاتاقلىق ناخشىچى ۋە كومپوزىتور مەرھۇم مۇرات ناسىروپنىڭ نامىغا بېغىشلانغان ياش ناخشا چولپانلىرىنىڭ ناخشا ئېيتىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ. مۇسابىقىغا 16 ياشتىن ئاشقان ياش، تالانتلىق چولپانلارنىڭ قاتنىشىشى تەلەپ قىلىنغان بولۇپ، مۇسابىقە باشلىنىشتىن ئىلگىرى بىردەك تىزىملىتىش ۋە دەسلەپكى قەدەمدە تاللىنىش چارىلىرى قوللىنىلغان.
قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر ياشلىرى تارقىتىۋاتقان ئىنتېرنېت تورى " ئۇيغۇرلار بىز" نىڭ بۇ ھەقتە تارقاتقان ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ پائالىيەتنى قازاقىستان جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ياشلىرى ئىتتىپاقى، " بىرلىك"فوندى ھەمدە جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر تىياتىرى قاتارلىق ئورۇنلار بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان.
تونۇلغان ياش كومپوزىتور ھەم مۇرات ناسىروپنىڭ دوستى پولات ھېزىموپ، قازاقىستان ئۇيغۇر ياشلىرى ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى ئابدۇرېشىت تۇردىيېۋ قاتارلىقلار مەزكۇر پائالىيەتلەرنىڭ تەشەببۇسكارلىرى ۋە ئۇيۇشتۇرغۇچىلىرىدىن بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
خەۋەرلەردىن قارىغاندا، 13 - دېكابىر كۈنى ئالمۇتىنىڭ "زارىيا ۋوستوكا" مەھەللىسىدىكى مۇرات ناسىروپ دەپنە قىلىنغان قەبرىستانلىققا يېڭىدىن ئورنىتىلغان مۇرات ناسىروپنىڭ ھەيكىلىنىڭ يوپۇقىنى ئېچىش مۇراسىمى ئۆتكۈزىلىدىكەن. مۇرات ناسىروپنىڭ ھەيكىلىنى ئورنىتىش، ئۇنىڭ نامى قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدىكى بىرەر كوچا ۋە مەكتەپكە بېرىش، قىسقىسى، ئۇنىڭ نامىنى ئەبەدىيلەشتۈرۈش مەسىلىسى قازاقىستان ئۇيغۇر ياشلىرى تەرىپىدىن ھۆكۈمەت ئالدىغا قويۇلغان بولۇپ، ھازىرچە ئۇنىڭ ھەيكىلىنى پەقەت قەبرىستانلىققا تىكلەشكە مۇمكىنچىلىكى بولغان. (ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- قازاقىستان ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رەئىس دۆلىتى بولىدۇ
- قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پارلامېنت سايلىمىدا ئۇيغۇرلارمۇ ئورۇنغا ئېرىشتى
- نازاربايېف " سايلامنىڭ ئادالەتلىك ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىمەن "
- نەزەربايىف، خەلق قوللىغانلىقى ئۈچۈن ئاساسىي قانۇندىكى ئۆزگىرىشنى ماقۇللىغانلىقىنى بىلدۈردى
- نازاربايېف، كاسپىي دېڭىز نېفىت تۇرۇبىسىنى خىتايغا تۇتاشتۇرۇش ھەققىدە ۋەدە بەردى
- قازاقىستان خىتاي ھەربىلىرىنىڭ كىرىشىگە يول قويمايدۇ
- نەزەربايېفنىڭ كۈيئوغلى راخات ئەلىيىف، ئاۋستىرىيە ھۆكۈمەت دائىرىلىرىدىن ئۇنى قازاقسىتانغا قايتۇرۇپ بەرمەسلىكىنى تەلەپ قىلدى
- قازاقىستان پرېزىدېنتى، كۆيئوغلى ئەلىيىفنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىدى
- قازاقىستان راھەت ئالىيېۋنىڭ كونتروللىقىدىكى تېلېۋىزىيە قانىلى ۋە بىر گېزىتنى تاقىدى