پاكىستان پرېزىدېنتى پەرۋىز مۇشەررەپ بىر ھەپتىدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ھەربىي ھالەتنى بىكار قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرلىرىغا ئاساسلانغاندا، مۇشەررەپ، يېقىنقى بىر قانچە كۈن ئىچىدە پاكىستاننىڭ ئۆلكىلىك ۋە دۆلەتلىك پارلامېنتلىرىنى تارقىتىۋېتىپ، كېلەر يىلى 9 - يانۋاردا پارلامېنت سايلىمى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ھەمدە ئۆزىنىڭمۇ چوقۇم ھەربىي سالاھىيىتى بىلەن ئەمەس بەلكى، پۇقرا سۈپىتىدە پرېزىدېنتلىق قەسىمى بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ بۇنىڭ ئۈچۈن ئالىي سوتنىڭ يېقىندا ئۆزى ھەققىدە ئېلان قىلغان بەلگىلىمىسىنى بىكار قىلغاندىن كېيىنلا شۇنداق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
پەرۋىز مۇشەررەپ ئامېرىكا ۋە خەلقئارا جەمىيەتنىڭ تەنقىدىگە قارىماي، بىر ھەپتىدىن بۇيان ئۆزىگە قارشى چىققان ئۆكتىچىلەرنىڭ نارازىلىق نامايىشلىرىنى تىنجىتقاندىن سىرت يەنە كۆپلىگەن ئادەملەرنى تۇتقۇن قىلغان ئىدى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ ھەربىي ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىشىنى ھەمدە ھەربىي ھالەتنى بىكار قىلىشىنى، ئۆزىنىڭ ھەربىي ۋەزىپىسىدىن قېلىپ، پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرۇش ۋەدىسىنى ئاقلىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.
ئۇ يەنە يېقىندا قايتىپ كەلگەن سابىق باش مىنىستىر بۇتتو خانىمنىمۇ كونتروللۇق ئاستىغا ئالغان. ئەمما، بىنەزەر بۇتتو خانىم يەكشەنبە كۈنى پاكىستاننىڭ چوڭ شەھەرلىرىدىن بىرى لاھورغا كېلىپ، سەيشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان كەڭ كۆلەملىك نامايىشقا قاتنىشىدىكەن. نامايىشچىلار لاھوردىن ئىسلام ئابادقا يۈرۈش قىلىدىكەن.
پاكىستاندىكى بۇ جىددىيلىك بۇنىڭدىن بىر قانچە ئاي ئىلگىرى يۈز بەرگەن لال مەسچىت ۋەقەسىدىن كېيىن تېخىمۇ كۈچەيگەن بولۇپ، ئىلگىرى ئىسلامىي رادىكال گۇرۇپپىلار ئۇنىڭغا قارشى چىققان بولسا، مانا ئەمدى ئۇ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر ساھەگە مەنسۇپ كىشىلەرنىڭمۇ نارازىلىقلىرىنى قوزغىغان ئىكەن. (ئۈمىدۋار)