مۇشەررەپ: سايلامنىڭ ئەركىن ۋە ئادىل ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەت بېرىمەن
2008.02.14
پاكىستان پرېزىدېنتى پەرۋىز مۇشەررەپ پەيشەنبە كۈنى يەنە بىر قېتىم، كېلەر ھەپتە ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلامنىڭ " ئەركىن، ئادىل شۇنداقلا ئاشكارا ھەمدە تېنچ يوسۇندا " ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەت بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. مۇشەررەپ يەنە، پاكىستان ئۆكتىچىلىرىنىڭ ئۇنى سايلامنىڭ ئادىل ئۆتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن توسقۇنلۇق ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلىرىگە رەددىيە بەردى.
يېقىندا پاكىستاندىكى خەلقنىڭ رايىنى سىناش تەكشۈرۈشىدە، پرېزىدېنت مۇشەررەپنى قوللىغۇچىلار سانىنىڭ ئالاھىدە دەرىجىدە ئازلاپ كەتكەنلىكى ئاشكارىلانغان ئىدى.
پاكىستاندىكى ئىككى ئاساسلىق ئۆكتىچى پارتىيە رەھبەرلىرى مۇشۇ ھەپتە ئۇچرىشىپ، 18 - فېۋرال كۈنىدىكى سايلامدا ساختىلىق يۈز بېرىش مەسىلىلىرى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى. بۇنىڭدىن سىرت، ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پاكىستان سايلام كومىتېتى، سايلام جەريانىدا ساختىلىق ۋە يولسىزلىق ئەھۋاللىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش پائالىيەتلىرىنى يېتەرلىك دەرىجىدە ئېلىپ بارمىغان بولۇپ، بۇ، سايلامنىڭ ئادىل بولۇشىغا تەسىر كۆرسىتىدىكەن.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كاندىلىزا رايىس، پاكىستاندىكى سايلام ئېلىپ كېلىدىغان زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى، كېلەر ھەپتە ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلامنىڭ چوقۇم خەلقئارا جامائەت كۈتكەن، ئادىل ۋە ئەركىن سايلام بولۇشىنى تەشەببۈس قىلدى. (ئەقىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- پاكىستاندا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ھۇجۇمىدىن يەنە بىرى يۈز بەردى
- پاكىستاندا سايلام ئالتە ھەپتە كېچىكىدۇ
- پاكىستان پارلامېنت سايلىمى كېچىكتۈرۈلۈشى مۇمكىن
- سابىق پاكىستان باش مىنىستىرى بەنەزىر بۇتتو سۈيقەستكە ئۇچرىدى
- پاكىستاننىڭ سابىق باش مىنىستىرى بەنەزىر بۇتتو خانىم سۈيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلدى
- پاكىستان ساقچىلىرى بىنەزەر بۇتتونى يەنىمۇ قاتتىق نازارەت ئاستىغا ئالدى









