رۇسىيە كوللېكتىپ بىخەتەرلىك كېلىشىمىگە ئەزا دۆلەتلەرگە ئەرزان باھادا قورال-ياراق سېتىپ بېرىدۇ

6-ئۆكتەبىر كۈنى تاجىكىستان پايتەختى دۈشەنبىدە كوللېكتىپ بىخەتەرلىك كېلىشىمى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ يىغىندا 20 نەچچە مەسىلە مۇزاكىرە قىلىنغان بولۇپ، ئاساسلىقى ھەربىي- تېخنىكا ھەمكارلىقى باش تېما بولغان .

رۇسىيە ئۇچۇر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە، قازاقىستان قىرغىزىستان، تاجىكىستان، ئۆزبېكىستان ۋە بېلورۇسىيە رەھبەرلىرى ئىشتىراك قىلغان كوللېكتىپ بىخەتەرلىك كېلىشىمى تەشكىلاتىنىڭ يىغىنىدا يەنە كوللېكتىپ بىخەتەرلىك كېلىشىمى تەشكىلاتى رامكىسى ئاستىدا تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرى مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈش ھەمدە بىخەتەرلىك كېلىشىمىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي-تېخنىكا ھەمكارلىقى مەسىلىسى بويىچە ئالاقە مېخانىزمى تەسىس قىلىش مۇزاكىرە قىلىندى.

پرېزىدېنتلار ئىران بىلەن مۇناسىۋەتلىك يادرو مەسىلىلىرىگە نىسبەتەن جىددىي مۇئامىلىلەردە بولۇۋاتقانلىقىنى، ئىران يادرو مەسىلىسىنىڭ تىنچلىق بىلەن ھەل قىلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەشكەن ھەمدە بۇ ھەقتە يىغىن خىتابنامىسى قوبۇل قىلغان شۇنىڭدەك 20 ھۆججەتكە قول قويغان. كېلىشىم بويىچە رۇسىيە ئۆز ئىلغار قورال-ياراغلىرىنى ئىچكى ئەرزان باھادا تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەرگە سېتىپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

كوللېكتىپ بىخەتەرلىك كېلىشىمى تەشكىلاتى 1992-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن تاشكەنتتە قۇرۇلغان تەشكىلات بولۇپ، كېيىن ئۆزبېكىستان بۇنىڭدىن چىقىپ كەتكەن ھەمدە 2006-يىلى قايتىدىن ئەزا بولۇپ كىرگەن. مەزكۇر تەشكىلات ئاساسلىق رۇسىيىنىڭ ھامىيلىقىدىكى ھەربىي -سىياسىي تەشكىلات بولۇپ، ئۇنىڭ رامكىسى ئاستىدا رۇسىيە تاجىكىستان ۋە قىرغىزىستانلاردا ھەربىي بازا قۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولغان.

خەۋەرلەردىن قارىغاندا شەنبە كۈنى يەنە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىلەن كوللېكتىپ بىخەتەرلىك كېلىشىمى تەشكىلاتى بىر قاتار ھەمكارلىق كېلىشىملىرى تۈزگەن بولۇپ، كوللېكتىپ بىخەتەرلىك تەشكىلاتىدا مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقىدىكى تۆت ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلىتى ۋە رۇسىيە بىلەن بېلارۇسىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان . شاڭخەي گۇرۇھى بولسا، بۇ دۆلەتلەردىن باشقا يەنە خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، كۆزەتكۈچىلەر مەزكۇر ئىككى تەشكىلاتنىڭ رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ ھامىلىقى ئاستىدا بىرلىشىش يولىنى تۇتىۋاتقانلىقىنى پەرەز قىلىشماقتا. (ئۈمىدۋار)