كوسوۋوغا مۇستەقىللىق يولى كۆرۈندى

"ۋاشىنگتون پوچتا" گېزىتى، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئەللىرىنىڭ NATO قىسىملىرى 1999 -يىلى كوسوۋادا ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكەتتىن كېيىن، ب د ت ۋاكالىتەن باشقۇرۇۋاتقان كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللاشنى قارار قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

"ۋاشىنگتون پوچتا" گېزىتىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، يۇقىرى دەرىجىلىك ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئەمەلدارلىرى ئامېرىكا بىلەن ياۋروپادىكى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر كوسوۋانىڭ خەلقئارا جەمئىيەت نازارىتى ئاستىدا سېربىيىدىن ئايرىلىپ چىقىشىنى قوللاشنى قارار قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

گېزىتتە، بۇ قارار بۇ يىل يازغىچە شەرقىي - جەنۇبىي ياۋروپادا ب د ت غا ئەزا يېڭى بىر دۆلەتنىڭ تۇغۇلۇشىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى يازدى. بۇ پىلان بويىچە NATO قىسىملىرى كوسوۋا تاكى ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە NATO غا ئەزا شەرت-شارائىتىنى ھازىرلىغىچە بۇ دۆلەتتە داۋاملىق تەرتىپ ساقلاش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

سېربىيىلىكلەر كوسوۋانىڭ مۇستەقىل بولۇشىغا قەتئى قارشى تۇرماقتا ۋە رۇسىيىنىڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە رەت ئاۋازى قوللۇنىشىنى ئۈمىد قىلماقتا. كۈزەتكۈچىلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي ئۆزىدىكى مىللىي مەسىلىلەر تۈپەيلى كوسوۋا مۇستەقىللىقىنى قوللىمايدىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. خىتاي ئەينى چاغدا NATO نىڭ كوسوۋادىكى ھەربىي ھەرىكىتىگە قارشى چىققان شۇنداقلا خىتاينىڭ بېلگرادتىكى باش ئەلچىخانىسى "سەۋەنلىك" بىلەن بومباردىمان قىلىنغان ئىدى.

ئالبانىيە 2005 - يىلى گۈئەنتانامودىن قويۇپ بېرىلگەن 5 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىرىغا پانالىق ھوقۇقى بەرگەندە خىتاي ئالبانىيىگە، ئەگەر بۇ 5 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرمىسە، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە كوسوۋا ئالبانلىرىغا قارشى بىلەت تاشلايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان. لېكىن ئالبانىيە خىتاينىڭ تەلىپىنى رەت قىلدى. (ئەركىن)