ئامېرىكىدا مۇستەقىللىق بايرىمى
2006.07.04
بۈگۈن ئامېرىكىنىڭ مۇستەقىللىق بايرىمى. ئامېرىكىدا 1776 - يىلى 7 -ئاينىڭ 4 - كۈنى ئەنگىلىيىدىن بۆلۈنۈپ چىقىپ مۇستەقىللىق ئېلان قىلىنغانلىقىنى خاتىرىلەيدىغان مۇستەقىللىق بايرىمى.
بۈگۈن ئامېرىكىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا خەلق مۇستەقىللىق بايرىمىنى داغدۇغىلىق تەنتەنە قىلدى. پاراتتىن ئۆتۈش، نامايىش قىلىش، ناخشا -مۇزىكا نۇمۇرلىرىنى ئورۇنلاش، ساليۇت ئېتىش قاتارلىق پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلدى. خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىدە رەھبەرلەر سۆز قىلىپ، مۇستەقىلىق ئۈچۈن ھاياتىنى بېغىشلىغان ۋەتەن قەھرىمانلىرىنى ئەسلەپ، ئۇلارغا ھۈرمەت بىلدۈردى.
ئادەت بويىچە ئامېرىكىدا مۇستەقىللىق بايرىمى ئۆتكۈزۈلىدىغان ھەپتىدە دۆلەت مەجلىسى يىغىن ئاچمايدۇ. پارلامېنت ئەزالىرى سايلام رايونلىرىغا قايتىپ بېرىپ، ئۆزلىرىنى سايلىغان خەلق بىلەن بىرلىكتە بايرام پائالىيىتى ئۆتكۈزىدۇ.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كومىتېتى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى جىم لىچ ئەپەندى ئامېرىكىدا ئۆتكۈزۈلىۋاتقان بۇ مۇستەقىللىق بايرىمىنىڭ ئالاھىدىكى ھەققىدە توختىلىپ " ئامېرىكا خۇسۇسى ھوقۇق ئاساسىدا قۇرۇلغان دۆلەت، خەلقنىڭ ئۆز قولىدىكى خۇسۇسىي ھوقۇقنى دۆلەت بەرمىگەن، دۆلەتنىڭ ھوقۇقىنى خەلق بەرگەن، ئامېرىكىدا خۇسۇسىي ھوقۇق دۆلەتنىڭ ھوقۇقىدىن ئەلا، مانا بۇ بىز ئامېرىكىدا مۇستەقىللىق بايرىمىنى تەبرىكلىگەندە ئەڭ پەخرلىنىدىغان روھ" دېگەن. (ۋەلى)