مەركىزى بيۇرۇسېلدىكى خەلقئارا ئاخباراتچىلار بىرلەشمىسى بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ يىل دۇنيا بويىچە 101 نەپەر ئاخبارات خادىمىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. بۇ، 10 يىلدىن بۇيان ئاخباراتچىلار ئەڭ كۆپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان بىر يىل ھىساپلىنىدىكەن.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، مەزكۈر باياناتتا مۇخبىرلارنىڭ ئىراقتا دۇچ كەلگەن خەتەرلىرىدىن سىرت، نىكاراگۇئا، فىللىپىن قاتارلىق جايلاردىمۇ مۇخبىرلار ئېغىر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان.
بۇ ھەقتە توختالغان، خەلقئارا ئاخباراتچىلار بىرلەشمىسىنىڭ باش كاتىبى "ئاخباراتچىلار دۇچ كەلگەن زىيانكەشلىكتىن مەلۇمكى، نۆۋەتتە مۇخبىرلار ۋە مەتبۇئات خادىملىرى ئىنتايىن چوڭ بەدەل تۆلىمەكتە" دىگەن.
خەلقئارا ئاخباراتچىلار بىرلەشمىسى يەنە، مۇخبىرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنى قەتئىي يوقىتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
خىتايمۇ، مۇخبىرلار ئەڭ كۆپ زىيانكەشلىككە ئۇچرايدىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئالدى بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ مەتبۇئات ئەركىنلىكىگە يول قويماسلىق سىياسىتى، كىشىلەرنى بۇ دۆلەتنىڭ ئاخبارات ساھەسىگە ئىشەنمەسلىك دەرىجىسىگە ئېلىپ بارغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى ھەتتا، يېقىندا ئاخبارات ساھەلىرىگە مەخسۇس بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، دۆلەت ئىچىدە يۈز بەرگەن بىر قىسىم ۋەقەلەر بولۇپمۇ، ھۆكۈمەتكە نارازىلىق بىلدۈرۈش ۋەقەلىرىنى يۇقىرىنىڭ تەستىقىسىز ئېلان قىلماسلىقنى قارار قىلغان. (ئەقىدە)