خەلقئارا چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى تۈرمىدىكى مۇخبىرلارنى قوللاش ھەرىكىتى ئېلىپ بارماقچى
2006.11.21
خەلقئارا چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى پەيشەنبە كۈنى 17 - قېتىملىق " تۈرمىدىكى مۇخبىرلارنى قوللاش كۈنى" ھەرىكىتى ئېلىپ بارماقچى. چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى مەزكۇر ھەرىكەتنى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى تۈرمىلەردە يېتىۋاتقان مۇخبىرلارغا بولغان دىققىتىنى قوزغاشنى مەقسەت قىلغان.
خەلقئارا چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن مەلۇماتىدا ئېيتىلىشىچە، ھازىر دۇنيادا جەمى 131 نەپەر مۇخبىر تۈرمىدە ياتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپ ساندىكىلىرى 10 يىل، 15 يىل ھەتتا 20 يىللىق قاماققا ئېلىنغان.
چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى كۆرسەتكەن تۈرمىدىكى مۇخبىرلار سانى ئەڭ كۆپ بولغان 5 چوڭ دۆلەت ئارىسىدا، خىتاي بىرىنچى ئورۇننى ئىگىلىگەن بولۇپ، ئۇنىڭدىن قالسا كۇبا، ئېفىئوپىيە ۋە بېرما قاتارلىق دۆلەتلەر ئىكەن.
چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى "خىتاي، دۇنيا بويىچە تۈرمىگە قامالغان مۇخبىرلار سانى ئەڭ كۆپ بولغان دۆلەت. خىتاي پەقەت مۇخبىرلارنىلا ئەمەس، بەلكى ئىنتېرنېت تور بەتلىرىدە پىكىر بايان قىلغان ئۆكتىچىلەرنىمۇ قاتتىق كونترول قىلىپ، خالىغانچە تۇتقۇن قىلماقتا" دەپ تەكىتلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى قاتتىق ئەيىبلىدى. (مېھرىبان)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى شىراكتىن كىشىلىك ھوقۇقنى تەكىتلەشنى تەلەپ قىلدى
- خىتاي، دۇنيادىكى ئاخبارات ئەركىنلىكى ئەڭ ناچار دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى
- رۇسىيە مۇخبىرلار ئۈچۈن ئەڭ خەتەرلىك دۆلەتنىڭ بىرىگە ئايلاندى
- ۋېن جياباۋ چەتئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ھوقۇقلىرىنى قوغدايدىغانلىققا ۋەدە بەردى
- ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ يېڭى مەتبۇئات بەلگىلىمىسىنى تەنقىد قىلدى