كىشىلىك ھوقۇقنى كۈزۈتۈش تەشكىلاتى خىتاينى ۋەدىسىگە ئەمەل قىلمىدى دەپ ئەيىبلىدى
2007.09.08
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۈزۈتۈش تەشكىلاتى يېقىندا دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىغا " ئاخبارات ئەركىنلىكىگە كەڭ ئىمكانىيەت بېرىش " ھەققىدە بەرگەن ۋەدىسىگە ئەمەل قىلمىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ شەنبە كۈنى بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا تەكىتلىنىشىچە، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى 2001 - يىلى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخبارات ئەركىنلىكىگە كاپالەت بېرىش ۋەدىسىگە تايىنىپ، بېيجىڭگە ئولىمپىك مۇراسىمنى ئۆتكۈزۈش سالاھىتى بەرگەن ، گەرچە خىتاي ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرى يېڭى قارار لاھىيىسى ماقۇللاپ، چەتئەل مۇخبىرلىرىغا زىيارەت ئەركىنلىكى بېرىشنى بېكىتكەن بولسىمۇ، ئەمما خىتايدىكى مۇخبىرلار بۇ ئەركىنلىكتىن بەھرىمەن بولالمايدىكەن.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتايدىكى بىر قىسىم مۇخبىرلار ساقچىلار تەرىپىدىن نازارەت قىلىنىدىكەن.
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۈزۈتۈش تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۆتكەن ئاي 5 نەپەر مۇخبىر ، زوراۋانلىق ھەركەتلىرىنى پاش قىلىش داۋامىدا قولغا ئېلىنغان، مەتبۇئاتنى قاتتىق كونترول قىلىۋاتقان ھۆكۈمەت نەچچە مىڭلىغان ئىنتېرنېت تور بەتلىرىنى تاقىغان، بۇ سەۋەبلىك خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۈزۈتۈش تەشكىلاتى ئەگەر كېلەر يىلى بېيجىڭدا ئولىمپىك مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلسە ، مۇخبىرلارنىڭ ئەركىن زىيارەت ئېلىپ بېرىشىغا گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. (ئۆمەر قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي ئامېرىكا بەش بۇرجەكلىك بىناسىنىڭ كومپيۇتور سىستېمىسىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىنكار قىلدى
- ئامېرىكا - خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچۇر تەڭسىزلىكى قاتارلىق مەسىلىلەر ئامېرىكىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتكۈزمەكتە
- خىتاينىڭ گۇاڭجۇ شەھىرىدىكى بىر سۈنئىي ھەمرا تېلېۋىزىيە قانىلى خاكلاندى
- خىتاي بۇ يىلمۇ ئىنتېرنەتكە دۈشمەن دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالدى
- 3 - ماي دۇنيا ئۇچۇر ئەركىنلىكى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ...
- خەلقئارا چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى تۈرمىدىكى مۇخبىرلارنى قوللاش ھەرىكىتى ئېلىپ بارماقچى
- رۇسىيە مۇخبىرلار ئۈچۈن ئەڭ خەتەرلىك دۆلەتنىڭ بىرىگە ئايلاندى
- دۇنيا مەتبۇئاتچىلار جەمئىيىتى خىتاي دائىرىلىرىنى ئەيىبلىدى
- مۇخبىرلارنى قوغداش تەشكىلاتى خىتاينى ئەيىبلىدى