"سىنگاپور بوغۇزى ۋاقتى" گېزىتىنىڭ مۇخبىرى چىن شياڭ مۇددەتتىن بۇرۇن قويۇپ بېرىلدى


2008.02.05

خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تەيۋەنگە جاسۇسلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ 5 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان "سىنگاپور بوغۇزى ۋاقتى" گېزىتىنىڭ مۇخبىرى چىن شياڭ، سەيشەنبە كۈنى خوڭكوڭدا ئائىلىسىدىكىلىرى بىلەن جەم بولغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ مۇددەتتىن بۇرۇن قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى جاكارلىدى.

خىتاي دائىرىلىرى بولسا چېڭ شياڭنىڭ جازا مۇددىتىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئاخىرلاشتۇرۇش شەرتىنى ھازىرلىغانلىقى ئۈچۈن، قالغان جازا مۇددىتىنى سوتتىن سىرتتا ئىجرا قىلىشقا ھۆكۈم چىقارغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خوڭكوڭ مۇخبىرلار جەمئىيىتى رەئىسى فەن، چېڭ شياڭنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا " ئاخبارات پرىنسىپى بۇيىچە مۇخبىرلىق قىلىپ كەلگەن چېڭ شىياڭنىڭ بەخىتسىزلەرچە تۈرمىگە ئېلىنىشى ناھايىتى ئەپسۇسلىنارلىق ئىش ھېسابلىنىدۇ، بۇنىڭدىن كېيىن بۇنداق ۋەقەنىڭ قايتىلانماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز، بىز ئىزچىل چېڭ شياڭنىڭ گۇناھسىزلىقىغا ئىشىنەتتۇق، شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ تا قويۇپ بېرىلگىچە 1000 كېچە- كۈندۈزنى تۈرمىدە ئۆتكۈزگەنلىكىدىن ئېچىنىمىز " دەپ بىلدۈرگەن.

چېڭ شياڭ 2005 ‏- يىلى گۇاڭجۇدا قولغا ئېلىنىپ،بېيجىڭ سوتى 2006 - يىلى 8 - ئايدا " تەيۋەنگە خىتاي توغرىسىدا ئاخبارات يەتكۈزگەن جاسۇس دەپ ئەيىبلەپ ئۇنىڭغا بەش يىللىق قاماق جازاسى بەرگەن، سىياسىي ھوقۇقىدىن بىر يىل مەھرۇم قىلغان ھەمدە 300مىڭ يۈەن شەخسى پۇلىنى مۇسادىرە قىلغان.

شۇ يىلى 11 - ئايدا چېڭ شياڭنىڭ نارازىلىق ئەرزى رەت قىلىنىپ گۇاڭجۇ تىيەنخې تۈرمىسىگە قامالغان. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغاندىن باشلاپ 34 ئاي ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلىنغاندىن كېيىن سەيشەنبە كۈنى قويۇپ بېرىلدى.

يازغۇچىلارنى قوغداش تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتايدا تۈرمىگە قامالغان قەلەمكەشلەر 29 غا يەتكەن بولۇپ، خىتاي يازغۇچى ھەم مۇخبىرلارنى ئەڭ كۆپ تۈرمىگە تاشلىغان دۆلەت دېگەن رېكورتىنى ساقلاپ كەلمەكتە. (گۈلچېھرە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.