چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى خىتاينى ئەيىپلىدى

مەركىزى پارىژدىكى خەلقئارا چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى چارشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينى ئاتاغلىق ئۆكتىچى خىتاي يازغۇچىلار ليۇ شاۋبو بىلەن يۇ جيېلەرنى پاراكەندە قىلىش بىلەن تەنقىد قىلدى. چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ليۇ شاۋبو بىلەن يۇ جيې دۈشەنبە كۈنى بېيجىڭدا ساقچىلار تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلگەن.

نۆۋەتتە ھەر ئىككى يازغۇچى قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ بىراق، چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى ئۇلارنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. باياناتتا ئاشكارىلىشىچە، يۇ جيې بۇ يىل 9 - ئايدا فرانسىيىنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا، چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان فرانسىيىدىكى بەزى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنى زىيارەت قىلغان ئىكەن.

باياناتتا يەنە بېيجىڭلىق ئۆكتىچى يازغۇچىلاردىن جاڭ زۇخۈئانىڭمۇ يۇجيې ۋە ليۇ شاۋبولار بىلەن بىرلىكتە پاراكەندە قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلغان. چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى، باياناتىنىڭ ئاخىرىدا خىتاي دائىرىلىرىنى پۇقرالارنىڭ سۆز ۋە مەتبۇئات ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا چاقىرغان.

چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى، خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ برېيۇسېلنى زىيارەت قىلىشنى سەل ئالدىدا بايانات ئېلان قىلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن خىتايغا قارىتىلغان قورال- ئىمبارگونى بىكار قىلماسلىقنى تەلەپ قىلغان ئىدى. (ئەركىن)