شەنبە كۈنى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا ئىراق ئۇرۇشىغا قارشى كەڭ كۆلەمدە نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.
"ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى" نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، نامايىشقا قاتناشقۇچىلارنىڭ سانى 100 مىڭغا يەتكەن بولۇپ، ئۇلار ئاق ساراي ئالدىغا توپلىشىپ، لوزونكا ۋە شۇئارلار بىلەن بۇشنىڭ ئىراق ئۇرۇشىنى ئەيىبلىگەن ھەمدە ئىراقتىكى ئامېرىكا قوشۇنلىرىنى دەرھال قايتۇرۇپ كېلىشكە چاقىرغان.
بۇ ئارىدا يەنە 200 غا يېقىن كىشى نامايىشچىلارغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈپ، ئىراق ئۇرۇشىغا بولغان قوللىشىنى ئىپادىلىگەن. شۇنداقلا يەكشەنبە كۈنى ئىراق ئۇرۇشىنى قوللايدىغانلارنىڭ نامايىشى بولدى.
ئىراق ئۇرۇشىغا قارشى نامايىش ۋاشىنگتونتىن سىرت يەنە، لوس-ئانجىلىس، سان-فرانسىسكو، سىئاتۇل، لوندون ۋە رىم قاتارلىق شەھەرلەردىمۇ ئېلىپ بېرىلدى. نۆۋەتتە ئىراقتا تەخمىنەن 147 مىڭ ئامېرىكا ئەسكىرى تۇرىۋاتقان بولۇپ، ئىراق ئۇرۇشى باشلىنىپ ھازىرغىچە بولغان ئارىلىقتا 1911 نەپەر ئامېرىكا ئەسكىرى ئۇرۇشتا قازا قىلغان. (پەرىدە)