ئۆكتىچىلەر ئاق ساراي ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈپ خۇ جىنتاۋنىڭ زىيارىتىگە نارازىلىق بىلدۈردى

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش پەيشەنبە كۈنى ئاق سارايدا خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنى كۈتۈۋالدى.

ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى مۇراسىمدا نۇتۇق سۆزلەپ، ئۆز ‏- ئارا مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ تەرەققى قىلدۈرۈش ئۈچۈن ئۆز ئىپادىلىرىنى بىلدۈرۈشتى.

پرېزىدېنت بۇش نۇتقىدا، ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتسادىي ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش بىلەن بىرگە، خەلقئارا مەسىلىلەردە بولۇپمۇ ئىران، كورىيە يادرو قوراللىرى مەسىلىسىدە ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بۇش يەنە، "بىر جۇڭگو" پرىنسىپىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە خۇ جىنتاۋدىن خىتايدا سۆز ۋە دىنىي ئەركىنلىككە تېخىمۇ كەڭ يول قويۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ نۇتۇق سۆزلەۋاتقان پەيتتە، مۇخبىرلار ئارىسىدىكى بىر ئايال يۇقىرى ئاۋازدا ۋارقىراپ نارازىلىق بىلدۈردى، مەلۇم بولۇشىچە بۇ ئايال فالۇڭگوڭ تەرىقىنىڭ قوللىغۇچىسى بولۇپ، كېيىن ساقچىلار ئۇنى ئاق سارايدىن ئېلىپ چىقىپ كەتكەن.

بۇ ئارىدا، ئاق ساراينىڭ يېنىدىكى لافايېت باغچىسىدا ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، تەيۋەن مۈستەقىلچىلىرى ۋە فالۇڭگوڭ مۇرىتلىرى بىرلىكتە بايراق ۋە لوزۇنكىلىرىنى كۆتۈرۈشۈپ كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ باردى.

ئۇيغۇرلار، خۇ جىنتاۋ بۇ يەردىن يوقال، ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك، ئۇيغۇرلارغا مۇستەقىللىق دېگەنگە ئوخشاش شۇئارلارنى توۋلىدى. (ئەقىدە)