موسكۋادا ئۆكتىچىلەرنىڭ نامايىشى يۈز بەردى


2006.12.17

رۇسىيە ئاگېنتلىقلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىدىن قارىغاندا، موسكۋا ساقچى دائىرىلىرى زور ساندا ساقچى ئاجرىتىپ نامايىسچىلارنى قورشىۋالغان. خەۋەرلەردىن قارىغاندا، نامايىشچىلارنىڭ سانى 2000 مىڭدىن ئاشقان بولۇپ، نارازىلىق بىلدۈرگۈچىلەر كرېمىل سارىيىنىڭ يېقىندىن بۇيان يۈرگۈزۈۋاتقان دېموكراتىيىگە قارشى تۇرۇپ، پۈتۈن ھوقۇقلارنى مەركەزلەشتۈرىۋېلىشىغا قارشىلىق بىلدۈرگەن. نامايىشنى رۇسىيە مىللىي بولشېۋىكلار پارتىيىسى، پۇقرالار بىرلەشمە فرونتى ۋە رۇسىيە خەلق دېموكراتىك پارتىيىسى قاتارلىقلار تەشكىللىگەن.

رۇسىيە دائىرىلىرى تىك ئۇچار ئايروپىلانلارنى ئىشقا سالغاندىن سىرت يەنە نامايىشچىلارغا سۇ چاچقان ۋە چوڭ كاماز ماشىنىلار ئارقىلىق ئۇلارنىڭ باشقا ئاساسلىق كوچىلارغا كېڭىيىشىنى توسقان.

يەكشەنبە كۈنى "بىزنىڭكىلەر" دەپ ئاتالغان ياشلار تەشكىلاتى موسكۋا، سانكىت پېتېربۇرگ قاتارلىق 50 نەچچە رۇسىيە شەھىرىدە نامايىش ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، موسكۋا شەھىرىدىكى نامايىشقا 25 مىڭ " قار بوۋاي" كىيىمى كىيگەن ياش قاتنىشىپ، 1941-يىلى 16-دەكابىردىكى موسكۋا ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىنىڭ 65 يىللىقىنى خاتىرىلەپ، بارلىق ئۇرۇش قاتناشقۇچىلىرىغا سوغا تەقدىم قىلغان.

بۇ قېتىمقى نامايىشكىلارنىڭ تەركىبى مۇرەككەپ بولۇپ، ھەتتا فاشىستلىق پىكىر ئېقىمغا مەنسۇپ ياشلارمۇ مەيدانغا چىقىپ، دېموكراتىك پىكىردىكىلەر ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.