رۇسىيە ساقچىلىرى موسكۋادا نامايىشچىلارنى تۇتقۇن قىلدى


2007.04.14

رۇسىيە ساقچىلىرى شەنبە كۈنى كرېمل يېقىندا پرېزىدېنت ۋلادىمىر پۇتىننىڭ سىياسەتلىرىگە قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزمەكچى بولغان ئاز دېگەندە 170 كىشىنى تۇتقۇن قىلدى. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ موسكۋادىن خەۋەر قىلىشىچە، تۇتۇلغانلار ئارىسىدا دۇنيا شاھمات چىمپيونى گارى كاسپاروف قاتارلىق نۇرغۇن تونۇلغان سىياسىي ئۆكتىچىلەر ۋە مۇخبىرلار بار ئىكەن.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، رۇس ساقچىلىرى موسكۋا شەھەرلىك ھۆكۈمىتىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن نامايىشچىلارنىڭ كرېمل يېقىندا يېغىلىشىغا رۇخسەت بەرمەي، ئۇلارنى ئاپتوبۇسلىرىغا سېلىپ دەرھال ئېلىپ كەتكەن. رۇسىيە بىخەتەرلىك دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، موسكۋا ساقچىسى نامايىشچىلارغا قارشى ئالدىن تەدبىر ئالغان بولۇپ، كرېمل مەيدانىنىڭ ئۆزىدىلا مىڭ ئەتراپىدا ساقچى خادىمى ئورۇنلاشتۇرغان ئىكەن.

گارى كاسپاروفنىڭ ئادۋۇكاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رۇس ساقچىلىرى گارى كاسپاروفنى، نامايىشچىلار بىلەن بىرلىكتە بولغان ھەمدە ھۆكۈمەتكە قارشى شۇئار توۋلىغان دەپ، تۇتقۇن قىلغان.

ئازادلىق رادىئوسى مۇخبىرلىرىنىڭ موسكۋادىن خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە ساقچىلىرى قىزىل مەيداندىكى نامايىشقا رۇخسەت قىلماندىن كېيىن، 1000 ئەتراپىدا سىياسىي پائالىيەتچى موسكۋا شەھەر مەركىزىنىڭ يەنە بىر كوچىسىدا يىغىلىپ، نارازىلىق ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرغان. بۇ يىغىلىشتا سۆز قىلغانلار ئارىسىدا رۇسىيىنىڭ سابىق باش مىنىستىرى مىخائىل كاسيانوفمۇ بار ئىكەن. ئۇ نامايىشتا قىلغان سۆزىدە، رۇسىيە ھۆكۈمىتى ئەركىن ۋە ئادالەتلىك سايلامدىن چۈچۈۋاتىدۇ دەپ، كۆرسەتكەن.

جۈمە كۈنى، لوندوندا ياشاۋاتقان رۇسىيىلىك مىلياردەر بورىس بېرىزوۋسكى، بىر گېزىتىغا بەرگەن باياناتىدا، رۇسىيىدە بىر ئىنقىلاب قوزغايدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. لېكىن خەۋەرلەرگە قارىغاندا، شەنبە كۈنىدىكى نامايىشنى تەشكىللىگەنلەر ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىنىڭ بېرىزوۋسكىنىڭ باياناتى بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوقلىقىنى بىلدۈرگەن. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.