بېرما ھەربىي ھۆكۈمىتى نامايىش قىلغان خەلققە ئوق چىقاردى
2007.09.26
بېرمىدا خەلق يېقىلغۇ باھاسى ئۆرلەپ كەتكەنلىكىگە قارشى ئۆتكۈزگەن نامايىش داۋام قىلىپ 9 - كۈن بولغاندا، بېرما ھەربىي ھۆكۈمىتى نامايىش قىلغان راھىپلارنى قوراللىق باستۇردى. فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، نامايىشچىلاردىن ئاز دېگەندە 4 ئادەمگە ئوق تېگىپ ئۆلگەن، 100 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان، 200 ئادەم قولغا ئېلىنغان. كومېدىيە ئەرتىسى زاگانار ۋە ئەركىن يازغۇچى ۋىننىيان قاتارلىق مەشھۇر ئەربابلار ئۆيىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، بېرما ھەربىي ھۆكۈمىتى25 - سېنتەبىر كۈنى 60 كۈنگىچە كەچ سائەت 9 دىن ئەتىگەن سائەت 5 كىچە كوچىلاردا بەشتىن كۆپ ئادەم توپلىشىپ مېڭىشقا بولمايدۇ، دەپ جاكارلىغان ۋە ياڭگۇن شەھىرىدىكى 6 بۇددا ئىبادەتخانىسىنى مۇھاسىرىگە ئېلىپ، راھىپلارنىڭ ھەرىكىتىگە نازارەت قىلىشقا باشلىغان. بۇ 1998 - يىلى نامايىش قىلىنغان مۇھىم جايلار ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا مۇشۇ جايلاردا 3000 ئادەم ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى.
ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 26 - سېنتەبىر كۈنى كەچتە جىددىي يىغىن چاقىرىپ بېرما ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ.ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش بېرما ھەربىي ھۆكۈمىتى بىلەن ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتى بار كىشىلەرنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشى چەكلىنىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى بېرما ھۆكۈمىتىگە خىتاي بىلەن ھىندىستان بېسىم ئىشلىتىشى كېرەك، دەپ تەشەببۇس ئوتتۇرىغا قويغان. (ۋەلى)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- بېرمىدىكى نامايىش داغدۇغۇلۇق داۋاملاشماقتا
- خېيلۇڭجياڭدا دېھقانلار بىلەن خىتاي ساقچىلار توقۇنۇشتى
- كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى: كىشىلىك ھوقۇقنى بىخەتەرلىككە قۇربان قىلىۋېتىشكە بولمايدۇ
- چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى نارازىلىقى بىلدۈرۈش پائالىيىتى ئېلىپ باردى
- قىرىم تاتارلىرى ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشتى
- پاكىستاندا خىتاي پۇقرالىرى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى
- پاكىستاندىكى قىزىل مەسچىتلىك تالىپلار بىلەن بولغان سۆھبەتتە ئىلگىرىلەش بولمىدى
- قىزىل مەسچىتتىكى توقۇنۇش داۋاملاشماقتا
- ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى ئىشچىلار، 1 - ماي ئەمگەكچىلەر بايرىمى كۈنى نامايىشلار ئۆتكۈزدى
- خىتاي بىلەن رۇسىيە ب د ت نىڭ بېرما كىشىلىك ھوقۇقى قارارىنى نېمە ئۈچۈن رەت قىلدى ؟