خەلقئارا تەشكىلات: چىرىكلىك نامراتلىققا سەۋەب بولماقتا
2005.10.18
باش شتابى بېرلىندىكى " خەلقئارالىق ئوچۇق- يورۇق بولۇش تەشكىلاتى" سەيشەنبە كۈنى دۇنيادىكى چىرىكلىك ئەھۋاللىرى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلىپ، 2005 - يىلى ھۆكۈمەت ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت ئورۇنلىرىدىكى ئېغىر چىرىكلىك ئەھۋاللىرىنىڭ، دۇنيادىكى ئۈچتىن ئىككى قىسىم دۆلەتلەرگە ئاپەت ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
مەزكۇر تەشكىلات،159 دۆلەتتىكى ھۆكۈمەت ۋە ئاممىۋى ئورۇنلار ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ، چىرىكلىكنىڭ ئېغىر- يىنىكلىكىگە قاراپ دۆلەتلەرنى رەتكە تىزىپ چىققان. بىنگال ۋە چات بۇ تىزىملىكتە ئەڭ ئاخىرقى ئورۇننى ئىگىلىگەن بولۇپ، ئۇلار دۇنيادىكى چىرىكلىك ئەھۋالى ئەڭ ئېغىر دۆلەتلەر ھېسابلانغان.
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي بۇ تىزىملىكتە 78 - ئورۇندا ئىگىلىگەن. ھالبۇكى خوڭكوڭ 15 - ئورۇننى، تەيۋەن 32 - ئورۇننى ئىگىلىگەن بولۇپ، ئۇلاردىكى چىرىكلىك ئەھۋاللىرى خىتايدىن كۆپ يىنىك ئىكەن.
مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، چىرىكلىك نۆۋەتتە نامراتلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىر بولۇپلا قالماي، شۇنداقلا يەنە نامراتلىقنى تۈگىتىشتىكىمۇ ئەڭ چوڭ توسالغۇ بولماقتا. (ئارزۇ)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- "چىرىكلىك" خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ قانۇنلۇق ھاكىمىيىتىگە تەھدىت بولماقتا
- خىتاينىڭ مەركەزدىكى ئورگانلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئىقتىسادىي مەسىلە كۆرۈلدى
- چىرىكلىك خىتاينىڭ ئىقتىسادىغا خەۋپ ئېلىپ كەلمەكتە
- خىتايدا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ كۆمۈر كانلارغا پايچېك بولۇشى چەكلەندى
- خىتاي دېھقانلىرى سىرلىق كېسەللىك بىلەن يۇقۇملانغان چوشقىلارنى يېمەكتە