خىتاي، رۇسىيە ساقچىلىرىنىڭ خىتاي سودىگەرلىرىنىڭ ماللىرىنى مۇسادىرە قىلغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى


2005.03.20

خىتاينىڭ رۇسىيىگە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى يېقىندا رۇسىيە ساقچىلىرىنىڭ موسكۋادىكى بىر بازاردىكى ۋىنجۇۋلۇق خىتاي سودىگەرلىرىنىڭ ماللىرىنى مۇسادىرە قىلغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، رۇسىيە ساقچىلىرى 12 - مارت كۈنى موسكۋا شەھىرىنىڭ جەنۇبىدىكى بىر بازاردا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش جەريانىدا، 10 نەچچە ۋىنجۇلۇق ئاياق سودىگىرىنى ئەتكەسچىلىك قىلغان دەپ ئەيىبلەپ، ئۇلارنىڭ ماللىرىنى مۇسادىرە قىلغان ۋە ئەتىسى بۇ خىتاي سودىگەرلىرىنى تۇتقان. رۇسىيە دائىرىلىرى بۇ خىتاي سودىگەرلىرىنىڭ تاموژنا رەسمىيەتلىرىنى تولۇق بىجىرمىگەنلىكىنى كۆرسەتكەن.

خىتاي دائىرىلىرى بولسا، رۇسىيە ۋە خىتاي ئوتتۇرىسىدا رەسمىيلەشمىگەن بەزى سودا شەكىللىرى بار ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ، بۇ تەرتىپكە سېلىنىشتىن بۇرۇن، قارشى تەرەپ سودىگەرلىرىنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى- تەرۈز يەتكۈزۈشكە بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە رۇسىيە ساقچىلىرىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى " يولسىزلىق" دەپ ئاتىغان.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە، تۇتۇلغان خىتاي سودىگەرلىرىنىڭ قويۇپ بېرىلگەن- بېرىلمىگەنلىكى تىلغا ئېلىنمىغان. بىراق، رۇسىيە دائىرىلىرىنىڭ خىتاي سودىگەرلىرىنىڭ ماللىرىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى رەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىلگەن. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.