ش ئا ئو ئە ت ئافغانىستانتىكى قىسملىرىنى كېڭەيتىشكە قوشۇلدى


2005.02.11

فرانسىيىنىڭ نىس شەھىرىدە پەيشەنبە كۈنى چاقىرىلغان ش ئا ئو ئە ت (شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى NATO) نىڭ مۇداپىئە مىنىستىرلار يىغىنى، ئافغانىستاندىكى ھەربىي قىسىملىرىنى مەزكۇر دۆلەتنىڭ غەربىدىكى رايونلارغا كېڭەيتىشكە قوشۇلدى. ش ئا ئو ئە ت مىنىستىرلار يىغىنى، مەزكۇر قارارنى ش ئا ئو ئە ت دىكى ئامېرىكا قاتارلىق ئۈچ ئىتتىپاقداش دۆلەتنىڭ تەكلىپىگە بويىچە چىقارغان.

بۇ قارار، ش ئا ئو ئە ت نىڭ ئافغانىستاندىكى تىنچلىق ھەرىكىتىنى كېڭەيتىش پىلانىنىڭ بىر قىسىمى بولۇپ، ش ئا ئو ئە ت نىڭ ۋەزىپىسى ئافغانىستاندا تىنچلىقنى قوغداش شۇنداقلا ھامىد كارزاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەسىر كۈچىنى باشقا ئۆلكىلەرگە كېڭەيتىشتىن ئىبارەت.

ش ئا ئو ئە ت نىڭ باش كاتىپى شېفىرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر ھەربىي تەشكىلات ئافغانىستانغا ئەۋەتىلىدىغان قىسىملارنى بېكىتىپ بولغان. ئىتتىپاق تەركىۋىدىكى ئىتالىيە، ئىسپانىيە ۋە لېتۋا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي قىسىملىرى پات ئارىدا غەربىي ئافغانىستانغا ئورۇنلىشىدىكەن.

ھازىر ش ئا ئو ئە ت نىڭ ئافغانىستاندىكى تىنچلىقنى قوغداش قوشۇنىنىڭ تەركىۋىدە ئىككى ئامېرىكا قىسىمى ۋەزىپە ئۆتەۋاتىدۇ. ئامېرىكا ، ش ئا ئو ئە ت نى ئافغانىستاندىن سىرت ئىراقتىمۇ ۋەزىپە ئېلىشقا ئۈندىمەكتە. ش ئا ئو ئە ت نىڭ ئىراق قىسىملىرىنى تەربىيىلەشكە مەيلى باردەك قىلسىمۇ بىراق، تەلىم تەربىيىنىڭ قەيەردە ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى مۇزاكىرە قىلىشقا توغرا كېلىدىكەن. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.