ناتو تالىبانلارغا قارىتا يېڭىدىن ھۇجۇم قوزغايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى پەيشەنبە كۈنى، ئىسپانىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا، ئافغانىستاندىكى تالىبان قوراللىق كۈچلىرىگە قارشى يېڭىدىن ھۇجۇم قوزغايدىغانلىقىنى مۇزاكىرە قىلدى.

خەلقئارادا ناتو دەپ ئاتىلىدىغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى خادىمىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۈر تەشكىلاتىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ھەربىي قوماندانى ھېسابلانغان ئامېرىكىلىق گېنېرال كېلادوك، يېڭى بىر ئىستراتېگىيە تۈزۈپ چىقىش بىلەن بىرگە ناتونىڭ ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىي ۋە شەرقىدىكى شۇنىڭدەك پاكىستان بىلەن چېگرىلىنىدىغان رايونلاردىكى ھەربىي كۈچىنى كېڭەيتىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ناتو ھەربىي رەھبەرلىرىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، بۇندىن كېيىنكى نەچچە ئاي ئىچىدە قارلىق تاغنىڭ مۇزلىرى ئېرىشقا باشلىغاندىن كېيىن، تالىبان كۈچلىرىنىڭ ھۇجۇملىرى كۆپىيىشكە باشلايدىكەن.

بۇ ئارىدا ئامېرىكا بىلەن ئەنگىلىيە، ناتونىڭ ئافغانىستاندىكى ھەربىي قىسملىرىغا ئەسكەر ئەۋەتىشكە ۋەدە قىلدى. گېنېرال كېلادوك، ناتوغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭمۇ ئەسكەر كۆپەيتىش تەلەپلىرىگە قوشۇلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، تالىبانلارغا قارشى ھۇجۇم پىلانىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. (ئەقىدە)