يەكشەنبە كۈنى ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىدىكى قەندىھار رايونىدا يەنە بىر قېتىملىق ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىق ھۇجۇم يۈز بەرگەن بولۇپ، مەزكۇر ھۇجۇم بىر كانادا قوشۇنلىرى ھەيدىگەن ئاپتوموبىلغا قارىتىلغان.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ ئۇچۇر بېرىشىچە، بۇ ھۇجۇمدا ئاز دېگەندە 4 پۇقرا ئۆلگەن ۋە 12 ئادەم يارىلانغان ، ئەمما چەتئەل قوشۇنلىرىدىن ئۆلۈم-يېتىم كۆرۈلمىگەن. خەۋەردە كۆرىسىتىلىشىچە، ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ۋەزىيەتكە دىققەت قىلىۋاتقان شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىغا تەخمىنەن ئالتە مىڭ كىشىلىك ھەربىي قوشۇن ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بۇ قوشۇن يېڭى ھەربىي تاكتىكىلار ئارقىلىق تالىبان قالدۇق كۈچلىرىگە زەربە بېرىدىكەن. ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىدا يەنە ئامېرىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىرلەشمە ئارمىيىنىڭ قوشۇنلىرىمۇ مەۋجۇت ئىكەن. شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ قەندىھار رايونىغا ئورۇنلاشۇرىدىغان بۇ قوشۇن يەنە خەلق بىلەن دوستانە مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، يەرلىك خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش ئىشلىرىغا ياردەم بېرىدىكەن .
يېقىندىن بۇيان جەنۇبىي ئافغانىستاندا تالىبانلارنىڭ ئافغانىستان ۋە ئامېرىكا قوشۇنلىرىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى كۆپەيگەن بولۇپ، توقۇنۇشلاردا ئىككى تەرەپتىن خېلى زور ساندا ئادەملەر ئۆلگەن ئىدى.(ئۈمىدۋار)