شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئافغانىستاننىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن خىزمەت كۆرسەتمەكتە

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى پەيشەنبە كۈنى، ئافغانىستاندىكى چەتئەل قوشۇنلىرىنىڭ ھەربىي قوماندانلىق خىزمىتىنى پۈتۈنلەي ئۆتكۈزۈۋالدى.

رويېتىرىس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى يەنى ناتو، ئامېرىكا ھەربى دائىرىلىرى تەرىپىدىن باشقۇرۇلۇۋاتقان بارلىق قوماندانلىق ھوقۇقىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، ئافغانىستاننىڭ شىمالىي، غەربىي، جەنۇبىي ھەمدە پايتەخت كابۇلنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايونلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئىشلىرىنى يولغا قويۇشقا باشلىدى.

ناتو تەشكىلاتىنىڭ باياناتچىسى، ناتونىڭ نۆۋەتتە ئېلىپ بارىدىغان ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسىنىڭ، ئافغانىستاننىڭ بىخەتەرلىكىنى ئاشۇرۇپ، ئافغانىستاننى قايتا قۇرۇش تەرەپتە ئۈنۈملۈك نەتىجە يارىتىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئافغانىستاندا ناتونىڭ قوماندانلىقى ئاستىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ھەربى قىسىملارنىڭ سانى 33 مىڭ بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە 12 مىڭغا يېقىن ئەسكەر ئامېرىكا ئەسكەرلىرى ھېسابلىنىدۇ. ئافغانىستان تارىختىن بۇيان ، ناتو ئەسكەرلىرى ئەڭ كۆپ ئورۇنلاشقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى.