ش ئا ئو ئە ت (NATO) ئىراقتىكى خادىملىرىنى كۆپەيتىشكە قوشۇلدى
2004.12.09
شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى پەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئىراقتىكى ئارمىيە تەربىيلەش ئىشلىرىغا تېخىمۇ ئاكتىپ ھالدا قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
رويتىرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش سىكرىتارى شەفىر، ئىراق ئارمىيىسىنى تەربىيىلەشكە ئەۋەتكەن خادىملىرىنىڭ سانىنى 60 تىن 300 گە كۆپەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇنىڭ ئالدىدا، شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىرىيوسىلدا يىغىن ئاچقان. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كولىن پاۋېل ، ياۋروپا ئەللىرىنىڭ ئىراق ۋە ئافغانىستاندىكى خىزمەتلەرگە تېخىمۇ ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىشىنى تەلەپ قىلغان.
خەۋەرگە قارىغاندا، پولشا، ۋىنگىرىيە، گوللاندىيە ۋە نورۋىگىيە قاتارلىق شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى ئامېرىكىنىڭ تەلىپىگە ئىجابىي ئىنكاس قايتۇرغان. بۇ سەۋەبتىن شىمالىي ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى ئىراقتىكى ئارمىيە تەربىيىلەش ئىشلىرى ئۈچۈن كىچىك بىر ئەترەت ئەۋەتىشنى قارار قىلغان. ئەمما ئىراق ئۇرۇشىغا قارشى، فرانسىيە، گىرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بولسا، بۇنىڭغا قاتنىشىشنى رەت قىلغان. (ئارزۇ)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ش ئا ئو ئە ت ئافغانىستاندىكى ھەربىي كۈچىنى كېڭەيتىدۇ
- ئىراق پرېزىدېنتى سايلامنى كېچىكتۈرۈشنى رەت قىلدى
- باغداتتىكى پارتلاش ۋەقەلىرىدە 26 ئادەم ئۆلدى
- ئىراقتىكى قالايمىقانچىلىق سەۋەبىدىن، سايلام ئۆتكۈزۈش قىيىنغا توختىشى مۇمكىن
- ئىراقتا يۈز بەرگەن پارتلاشلاردا يەنە ئون كىشى ئۆلدى
- ئىراق ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى سايلامنى كېچىكتۈرۈشنى رەت قىلدى
- ئىراق ئومومىي خەلق سايلىمى 30 - يانۋار كۈنى ئۆتكۈزىلىدۇ
- ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرى موسۇلدىكى قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەرگە ھۇجۇم قىلدى
- فالۇجادىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرى شىددەتلىك ھوجۇمغا ئۇچرىدى
- ئامېرىكا ۋە ئىراق ئارمىيىسى فاللۇجانىڭ مەركىزىگىچە ھۇجۇم قىلىپ كىردى