ناتو بالقان رايوندا زوراۋانلىقىنىڭ قايتىلىنىشىغا يول قويمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى

سىربىيە ھۆكۈمىتى كوسوۋاغا قارىتا ئۇرۇش قوزغاش پىكرىنى مەيدانغا چىقارغاندىن كىيىن، جۈمە كۈنى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بېلگىيىدە ئېچىلغان بىر يىغىندا، ھەر قانداق گۇرۇپپىلارنىڭ بالقان رايونىدا زوراۋانلىقىنى قايتا كۆتۈرۈپ چىقىشىغا يول قويمايدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەردى.

س ن ن ئاخبارات قانىلىدا كۆرسىتىلىشىچە، مەزكۇر يىغىندا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى يەنە، كوسوۋانىڭ كەلگۈسىنى ۋەيران قىلىش خاراكتېرىگە ئىگە ھەر قانداق شەكىلدىكى زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئۇچۇن ئۆز قوشۇنلىرىنى ھەر زامان ھۇشيار تۇتىدىغانلىقىنى مۇقىملاشتۇردى.

كوسوۋادا ناھايىتى ئاز ساندىكى سېربلاردىن باشقا، كوسوۋانىڭ ئاساسىي ئاھالىسىنى يەرلىك ئالبان مىللىتى تەشكىل قىلىدىغان بولۇپ، سېرب ھۆكۈمىتى ئالبان مۇسۇلمانلار ئۇستىدىن قانلىق باستۇرۇش ۋە ئىرقى قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغاندىن كىيىن 1999- ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ناتو قوشۇنلىرى بۇ يەردىن سېرب قوشۇنلىرىنى قوغلاپ چىقارغان. شۇندىن ئېتىبارەن كوسوۋادا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرى تۇرۇۋاتقان بولۇپ، ئەمما، ب د ت نىڭ مەزكۇر رايوندىكى تىنچلىق ساقلاش كېلىشىمى كېلەر ھەپتە ئاياغلىشىدۇ.

مەلۇم بولۇشىچە، ناتوغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتلىرى تىنچلىق ساقلاش مەسىلىسىدە 4 ئايدەك سۆھبەت ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، كېلىشىم ھاسىل قىلالمىغان ئىدى.

ھالبۇكى، سېربىيە باش مىنىستىرىنىڭ مەسلىھەتچىسى پەيشەنبە كۈنى، سېربىيە دۆلەت تېلېۋىزىيىسىدە بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ بىرلىكىنى ساقلاش ئۈچۈن " ھەرقانداق ۋاسىتىلەر" نى قوللىنىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

س ن ن ئاخبارات قانىلىدا كۆرسىتىلىشىچە، سېربىيە باش مىنىستىرىنىڭ مەسلىھەتچىسى ۋولجىسلاۋ كىوستۇنىكا: " باشقىلار ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىنى ھۆرمەت قىلمىغان يەردە، بىزدە ئۇرۇشتىن باشقا تايانچ قالمىدى" دېگەن. ئەمما، ناتونىڭ باش كاتىپى خۇپ شېففېر، ناتونىڭ بالقان رايونىدا قان تۆكۈلۈشنىڭ قايتىلىنىشىغا چىداپ تۇرغىلى بولمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ: " بىز قان تۆكۈشنى قايتا مەيدانغا چىقارماقچى بولغان ھەر قانداق بىرسىگە قارشى ھەرىكەت قوللىنىمىز " دېدى.

مەلۇم بولۇشىچە ، ناتونىڭ كوسوۋادا ھازىر 16 مىڭ كىشىلىك قوشۇنى بار بولۇپ، ناتو ئىزچىل ھالدا كوسوۋادا ئوخشاش ساندا ئەسكەر ساقلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. (جۈمە)