شىمالى ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى (ناتو)نىڭ چېخ، پولشالاردا باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سېستىمىسى ئورۇنلاشتۇرغانلىقىغا قارىتا رۇسىيە جىددىي ئىنكاس قايتۇردى.
ب ب س نىڭ بۈگۈن بايان قىلىشىچە، رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمېر پۇتىن 'ناتونىڭ چېگرىدا ئەسكەر توپلىشىغا قارىتا ئەمدى رۇسىيە قاراپ تۇرمايدۇ' دېدى. ئۇ سۆزىدە يەنە ناتونى 'بۇرۇن تۈزگەن كېلىشىملەرگە ئەمەل قىلمىدى' دەپ ئەيىبلىدى.
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ناتو بولسا بۇنىڭغا قارىتا، باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سېستىمىسىنىڭ نىشانى رۇسىيىگە قارىتىلمىغان، بەلكى بەزى لۈكچەك دۆلەتلەرنىڭ ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇمىدىن ساقلىنىشنى مەقسەت قىلىدۇ، دەپ قايتا جاكارلىغاندىن باشقا يەنە، سابىق 'ۋارشاۋا شەرتنامىسى'دىكى دۆلەتلەرنىڭ بىر قىسمى ناتوغا ئەزا بولۇپ كىردى.
بۇنىڭ بىلەن 1990 - يىلى ناتو بىلەن ۋارشاۋا شەرتنامىسى تەشكىلاتى ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن 'ياۋروپادىكى مۇنتىزىم قوراللىق كۈچلەر كېلىشىمى' نىڭ مەزمۇنى ئۆزگەردى. ئەمدى رۇسىيە قىسىملىرى ئەگەر ناتوغا ئەزا دۆلەتلەردىن چىقىپ كەتمىسە، ناتو بۇرۇنقى كېلىشىمنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ، دەپ جاكارلىدى. (ۋەلى)