شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى كۈچلىرى تالىبانلار بىلەن يېڭى بىر مەيدان جەڭ قىلدى


2007.11.25

ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ قوشۇنلىرى بىلەن تالىبان قوراللىق قوشۇنلىرى ئارىسىدىكى توقۇنۇشلار داۋاملاشماقتا ھەمدە تالىبانلار شۇنىڭدەك ن ئا ت ئو ھەربىي خادىملىرىنىڭ ئۆلۈم-يېتىم ئەھۋاللىرىمۇ كۈنسايىن كۆپەيمەكتە.

شەنبە كۈنى ئافغانىستان بىلەن پاكىستان چېگرىلىنىدىغان پاكتىيا ئۆلكىسىدە "ناتو" قوشۇنلىرى بىلەن تالىبانلار ئارىسىدا بىر مەيدان توقۇنۇش يۈز بەرگەن بولۇپ، "ناتو" قوشۇنلىرى بۇ جايلاردىكى تالىبانلارغا تۇيۇقسىز ھاۋا ھۇجۇم ئېلىپ بارغان، نەتىجىدە بۇ ھۇجۇمدا ئاز دېگەندە 65 تالىبان ئۇنسۇرى ئۆلتۈرۈلگەن.

ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ ئافغانىستان دائىرىلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىلىشتىن ئىلگىرى " ناتو" ۋە ئافغانىستان ھۆكۈمەت ئەسكەرلىرى ئىككى ماشىنا ۋە ئات-ئۇلاغلار بىلەن قورال-ياراق توشۇۋاتقان تالىبانلارنى سېزىپ قالغان بولۇپ، نەتىجىدە ئىككى تەرەپ ئارىسىدا بىر مەيدان جەڭ يۈز بەرگەن، شۇنىڭ بىلەن ناتو ئايروپىلانلىرى يېتىپ كېلىپ تالىبانلارنى بومباردىمان قىلغان ئىكەن.

خەۋەرلەردىن قارىغاندا، تالىبانلارنىڭ ھەرىكىتى ئاساسلىقى ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ھېلموند ئۆلكىسى، قەندىھار ئۆلكىسى قاتارلىق جايلارغا مەركەزلەشكەن بولۇپ، بۇ رايونلاردا پاشتۇ مىللىتى كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدۇ. ئىنكاسلاردىن قارىغاندا، تالىبان پىدائىيلىرىنىڭ كۆپىنچىسى پاشتۇلار بولۇپ، ئافغانىستان پرېزىدېنتى خامىد كارزاي تالىبانلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى تەشەببۇس قىلغان بولسىمۇ، لېكىن نەتىجە كۆرۈلمىگەن ئىدى.

ئافغانىستاندا مۇشۇ قىسقىغىنا بىر يىلدىن كوپ ۋاقىت ئىچىدە ئالتە مىڭ ئادەمنىڭ قوراللىق توقۇنۇشلارغا مۇناسىۋەتلىك سەۋەبلەر بىلەن ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىكەن. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.